ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-24
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ فرانكىفۇرت شەھرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىگە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان.
2009-09-24
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى بولغان فرانكفورد خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.
2009-09-24
ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ۋۇخەن پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى بىر تۆمۈر رۇدا كېنىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبى بىلەن توسقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2009-09-24
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى تېننىسسى شتاتىنىڭ مېمفىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، شىمالى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
2009-09-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى نيۇ يوركتىكى ب د ت يىغىنى ئارىلىقىدا كۆرۈشۈپ، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلەشكەن.
2009-09-24
ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىنى قوللايدىغان تەيۋەنلىك گۇرۇھلار تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى ۋىزا بېرىشكە چاقىرىپ، رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكنىڭ سەۋەبى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
2009-09-23
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە چەتئەلدىكى نۇرغۇن دىموكراتىك خىتايلارنىڭ قارىشىچە، 5 - ئىيۇلدىكى مىللى توقۇنۇشنىڭ باش جاۋابكارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئۇنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىق سىياسىتىدۇر.
2009-09-23
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، چارشەنبە كۈنى تەيۋەندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن رابىيە خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن تەيۋەن ياش ناخشا چولپىنى Freddy بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەنگە بېرىش تەكلىپىگە ماقۇللۇقىنى بىلدۈردى.
2009-09-23
5 - ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچىلارغا قارىتا ھۇجۇم باشلىغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈن قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىكى ھاجى مەمەت ۋە ئابدۇسالام ناسىر قاتارلىق ئىككى كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
2009-09-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى 21 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان، "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى" دېگەن ماۋزۇدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىنى، بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلاردىن ئىزدىمەستىن، مەسئۇلىيەتنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئارتىپ، جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
2009-09-23
`تۈركىيە گۈنلۈگۈ` يەنى `تۈركىيىنىڭ كۈنلۈك خاتىرىسى` ناملىق ژۇرنالدىن كېيىن، `كۆكبايراق` ژورنىلىمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بېغىشلاپ مەخسۇس سان نەشىر قىلدۇردى. بۇ ساندىكى بىرىنچى ماقالىنىڭ 'تېمىسى ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان.'
2009-09-23
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز مىللىي گېمنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كومپوزىتورى پولات ھېزىموف بىر مىللىي گېمن تەييارلىغان.
2009-09-23
2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە كېلىپ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى شۇنداقلا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ئەربابلاردىن بىرى.
2009-09-23
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن ب د ت نىڭ چوڭ يىغىنىدىكى نۇتقىدا ' تېررورچىلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەممە ئىشىغا چات كىرىۋالدى، دەپ قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلار ئەمدى يەنە، ھەممە ئىشنى ئامېرىكا ھەل قىلىدۇ، دەپ قاراپ تۇرماسلىقى لازىم ' دەپ كۆرسەتتى.
2009-09-23
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي پارات باياناتچىسى ۋە قوشۇمچە پارات كوماندىرى گۇئو جەنگو بۈگۈن 'جوڭگو دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ھەربىي پاراتتا كۆرسىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى قوراللارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى دۇنيا كۆرۈپ باقمىغان قوراللار' دەپ جاكارلىدى.