ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-23
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 26 - ئىيۇن كۈنى گۇئاڭدوڭنىڭ شاۋگۇئەن شەھەرچىسىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ مىللى جېدەل چىقىرىپ، 5 - ئىيۇل كۈنىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان 11 كىشى ئۈستىدىن سوتقا شىكايەت سۇنۇلدى.
2009-09-23
بۈگۈن چارشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ 64 - قېتىملىق چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 120 دىن ئارتۇق دۆلەت باشلىقى نيۇيورك شەھرىگە جەم بولدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ب د ت دىن بايان قىلىشىچە، كلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى بويىچە ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش دەپ ئاتالغان بۇ چوڭ يىغىندا، تېررورىزم ۋە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى باش تېما بولۇپ قالدى.
2009-09-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدا، تەيۋەندىكى شەنلىڭ ئانسامبىلىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى فرېددى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن 10 نەچچە ئورۇن مۇخبىر ئەۋەتىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدى.
2009-09-22
بۈگۈن، بىر ئۇيغۇر خانىم ئۇرۇمچىدە بۇيىل 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ۋە ئاڭلاپ ئىشەنگەنلىرىنى رادىئومىزغا سۆزلەپ بەردى.
2009-09-22
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جازالاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، چەتئەل بىلەن بولغان ئالاقە ۋاستىلىرىنى كېسىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن خۇپىيانە تۇتىۋاتقانلىقى، يەنە بىر ياقتىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بوش قويماي ئاۋارىچىلىققا يولۇقتۇرۇۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنماقتا.
2009-09-22
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا يۈزگە يېقىن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 22 - سېنتەبىر كۈنى نيۇيوروكتا چاقىرىلغان دۇنيا كلىمات ئۆزگىرىشى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، كلىمات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىك مەسىلىلەر ھەم ئۇنىڭغا قارشى ھەمكارلىق ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
2009-09-22
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 64 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 21 سېنتەبىر كۈنى نېۋ يوركقا يېتىپ كەلدى.
2009-09-22
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ 2 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-09-22
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بىر جۈپ ياش ئۇسۇلچى ئەر - ئايال بار. ئۇلارنىڭ ئىسمى ئالىمجان ۋە ئالىيە. ئالىمجان بىلەن ئالىيەنىڭ كاناداغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى بىلەن تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل سەنئەت فېستىۋاللىرى ۋە دۆلەت بايراملىرىدا نومۇر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
2009-09-22
بىزگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن بەزىلىرىنى باشقا ئۇيغۇرلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئاتالمىش "نەق مەيدان" غا ئەكىلىپ، ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
2009-09-22
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە بۇ يىل ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھوقۇقنى تولۇق قوغداشقا چاقىردى.
2009-09-22
خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كىرگۈزۈلمەسلىكىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. 22 - سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى جياڭ يۈ، بۇ ھەقتە توختىلىپ دولقۇن ئەيسانىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2009-09-22
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل مەيدانىنى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دىپلوماتى دوگلاس گرىفىس ئەپەندى سەيشەنبە كۈنى جەنۋە شەھىرىدە بىلدۈرگەن.
2009-09-22
بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى خىتاي دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى خىتاي خاككېرلارنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچراشقا باشلىغان.
2009-09-22
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىماي" مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" 22 - سېنتەبىر گاۋشيۇڭدا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەر رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلدى.