ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-09-22
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىغا كېچە - كۈندۈز كۆزىتىدىغان ساقچى ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغان. تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئاپپاراتلار ئۈرۈمچىدىكى 19 يەر ئاستى ئۆتۈشمىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2009-09-22
ب د ت نىڭ 2009 - يىللىق ئومۇمى يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى باش شتابىدا باشلاندى. قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋمۇ بار.
2009-09-21
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 21 - سېنتەبىر، دۈشەنبە كۈنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە "شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى" ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى ش. تۈركىستان كۈچلىرىگە ئارتقان. "ئاق تاشلىق كىتاپ"تا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا "ئېغىر تەھدىت " پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەبلەغ سېلىشنى ئاقسىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2009-09-21
20 - سېنتەبىر كۈنى ئۇلۇق روزا ھېيت بايرىمى. دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بايرام كۈنىدە ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە روزا ھېيت بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
2009-09-21
بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارت مۇسۇلمان، "12 ئاينىڭ سۇلتانى" دەپ ئاتالغان مۇقەددەس رامازان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى.
2009-09-21
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى جۈملىدىن قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇتلۇق روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىشكەكنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تۆكۈلتاش مەھەللىسىدىكى ئاق مەسچىتتە ئوقۇدى.
2009-09-21
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ستانلى مېككىرىستال "ئامېرىكا ئەگەر ئافغانىستانغا بىر يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتمىسە، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ،" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
2009-09-21
تەيۋەن فىلىم فېستىۋالى رابىيە قادىر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەيۋەندە ھازىر بۇ فىلىم ھەققىدە چوڭ داغدۇغا قوزغالدى، تەيۋەن دائىرىلىرىگە قارىتىلغان تەنقىتمۇ كۈچلۈك.
2009-09-21
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش ئۈچۈن كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتايدىكى داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىستلىرى، سېرىكچىلار ۋە داڭلىق ناخشىچىلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئۆمەك ئۆتكەن ھەپتە كاناداغا يېتىپ كېلىپ، كانادانىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇشنى باشلىغان.
2009-09-21
5 - ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇن 6 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەھەللىسىدىكى كىرالىق ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدىن 73 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 19 - سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.
2009-09-21
تەيۋەن تەيبېي مەدەنىيەت دائىرىلىرى 21 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نىڭ تەيبېيدىمۇ قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەزكۇر فىلىمنى تەيۋەندە كۆرسىتىدىغان شەھەرلەر ئىككىگە يەتتى.
2009-09-21
خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭ شەھىرىدە پىچاق سېتىشنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن. بۇ، خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، بۇ خىل چەكلەش بەلگىلىمىسى بېيجىڭدا ئۆتكەن پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى يۈز بەرگەن پىچاق تىقىش دېلوسىدىن كېيىن يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىغان.
2009-09-21
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئەمگەكچىلەر سانى 240 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن.
2009-09-21
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى ئاقسىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
2009-09-21
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەرقىي ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېما پىلانىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارىتا مەيدانغا كەلگەن ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى.