ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-30
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى 27-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە قازاقىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات سائۇدابايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كەلگەن.
2010-12-30
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق ئوفېتسىرى 87 ياشلىق تۇرسۇن داراجى مۇسايوف 30 - دېكابىر كۈنى بېشكەك شەھىرىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
2010-12-30
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، ئاز دېگەندە 5 مىليارد 73 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قەشقەر-خوتەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 30 - دېكابىر كۈنى رەسمىي پۈتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2010-12-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 30 - دېكابىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 2015 - يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلاردىن 280 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2010-12-30
رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋېدېف رۇسىيىدە "خىتاي شەھەرچىلىرى"گە ئوخشاش بىر مىللەت ئاھالىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-12-30
فرانسىيە لېموندىې گېزىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي 1989 - يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغاندىن كېيىن، خىتايغا قويغان قورال-ياراق ئېمبارگوسىنى كېلەر يىلنىڭ باشلىرى بىكار قىلماقچى ئىكەن.
2010-12-29
نۆۋەتتە 2010-يىلىنى ئۇزىتىپ 2011-يىلىغا كىرىش بوسۇغىسىدا تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ بىر يىل مابەينىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىدىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن يەكۈنلەر چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا چەتئەللەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئۆتكەن بۇ بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەت ۋە پائالىيەتلىرىنى قانداق يەكۈنلەيدۇ؟
2010-12-29
گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پولەنس 28 - دېكابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا بىرلىكىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2010-12-29
يېقىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئېلى مەرتان دۈندار ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان "پانئىسلامىزمدىن بۈيۈك ئاسىيالىققا ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇقى، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا" دېگەن كىتاب ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.
2010-12-29
كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاسون كېننېي مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدىكى باياناتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە ھىندىستاندا پاناھلىنىۋاتقان تىبەتلىكلەردىن 1000 نەپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-29
ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-12-29
كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىنىڭ ئايال دېموكراتىك يولباشچىسى ئاڭ ساڭ سۈكىنى كاناداغا كېلىپ، كانادانىڭ شەرەپ پۇقرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا تەكلىپ قىلدى.
2010-12-29
خىتاي بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتاينىڭ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات يېتىشتۈرۈش ۋە كاتولىك چېركاۋلىرىنى ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنىي زاتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە رەنجىشىش ۋە بەزىدە يىرىكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
2010-12-29
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مىڭ چىڭفېڭ، تۈنۈگۈن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتايدىن دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قاچقان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئاز دېگەندە 580 كىشىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-29
خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن زېجىن كان شىركىتى، سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل سېنتەبىردە كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەن 22 كىشىنىڭ ئائىلىسىگە جەمئىي 50 مىليون تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.