ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-27
27- دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھاۋارايى ئىدارىلىرى مەزكۇر قار ئاپىتى ھەققىدە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
2010-12-27
27- دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھاۋارايى ئىدارىلىرى مەزكۇر قار ئاپىتى ھەققىدە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
2010-12-27
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001- يىلى خىتاي، رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات ئىدى. كېلەر يىلى مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 10 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بۇ ئورگاننىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى قانداق بولىدىغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئورگان خەلقئارا ئۆلچەملەرنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلمىسا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2010-12-27
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋالل سترېت ژۇرنال" دا ئەنگلىيە قوغدىغۇچى گېزىتى "گۇاردىان" دا ئېلان قىلىنغان "موڭغۇلىيىدە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى ئۆچمەنلىك" ناملىق ماقالە تونۇشتۇرۇلدى. ماقالىدە نۆۋەتتە موڭغۇللار ئارىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا قارشى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بېرىلگەن.
2010-12-27
12-ئاينىڭ 21-22-كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىي دۆلەتلەر ئاخبارات مۇنبىرى تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيىدىكى رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تونۇلغان ژۇرنالىستلار قاتناشقان ئىدى. بۇلاردىن بىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا نەشر قىلىنىۋاتقان "تۈركىستان" گېزىتىنىڭ ساھىبى ۋە باش تەھرىرى ئاقىل جامال ئەپەندىدۇر.
2010-12-27
1995-يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ چېچىلاڭغۇ بولۇشتەك بوشلۇقى، 2005-يىلى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ، 2006-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تونۇلۇپ مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر يەرگە توپلىنىشىغا شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
2010-12-27
قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرە خۇرشىدە ئېلاخۇنوۋا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
2010-12-27
شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام مەسىلىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 24-دېكابىردىن 26- دېكابىرغىچە ستوكھولىمدا ئېلىپ بېرىلدى.
2010-12-27
خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدە 6 ئادەم ساختا ئۈزۈم ھارىقى ياساش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە بىر نەچچە زاۋۇت تاقالغان.
2010-12-27
خىتاي تور ئابۇنىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مال باھاسىنى تىزگىنلەشكە قارىتا ئالغان تەدبىرلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
2010-12-27
رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىغا خىتايلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 5 خىتاي ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2010-12-27
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنى 16- دېكابىردىن باشلاپ 18 سائەتكە ئۇزارتتى.
2010-12-26
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ نامراتلىقنى يۆلەش ۋە تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە پۈتۈن خىتاي بويىچە نامراتلىق ئەھۋالىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-12-26
2010-يىلى ئاخىرلىشىپ، 2011-يىلى كۈتۈۋېلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى چاقىردى.
2010-12-26
25- دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7-قۇرۇلتىيىنىڭ 10-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلدى.