ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-26
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بانجۇر ۋىلايىتىدە شەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 45 ئادەم ئۆلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2010-12-26
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋا شەھىرىدىكى پۇشكىن مەيدانى "موسكۋا ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن" ناملىق يىغىلىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ " نوۋوستى" خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىلىش ئالدىنقى ھەپتىدە رۇس مىللەتچى ياشلىرىنىڭ كاۋكازلىق، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ۋە باشقا رۇس ئەمەس مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشنى شوئار قىلغان نامايىشىغا قارشى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن.
2010-12-25
خىتاي دائىرىلىرى 24- دېكابىر ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق يىغىن ئېچىپ، “جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقى” قايتا مۇقىملاشتۇرۇلغان.
2010-12-25
پوپ بېنېدىكت خۋى خىتايدىكى كاتولىك ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان چەكلىمىسىگە قارىشى جاسارەتلىك بولۇشقا چاقىردى.
2010-12-25
جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە جەنۇىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى بىلەن تونۇشقان خىتاي بېلىقچىلارنى قويۇۋەتتى.
2010-12-25
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، سايباغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تور بېتىگە جىنايەت نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى چاپلاپ خىتايدىكى بارلىق تورداشلاردىن گۇماندارىغا ئائىت ئۇچۇر تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
2010-12-24
خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى، سەلكىن تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىك خەۋىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.
2010-12-24
يېقىندا تەڭرىتاغ تورىدا "شىنجاڭدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەر بىر شىنجاڭ بەرپا قىلايلى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانپەرۋەر بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھالقىما تەرەققىياتنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى يېزىلغان.
2010-12-24
ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەت بىلەن قاراش ۋە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە گوللاندىيىدىكى ھەرساھە تارماقلىرىنىڭ قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە.
2010-12-24
12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە تۈركسوي ئىدارىسىنىڭ زالىدا "كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا تۈركسوي مۇئاۋىن باشلىقى فىرات فۇلتاش، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا يېڭى قۇرۇلغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى كېمال يۇرتناچ ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەسلىھەتچىسى سېيىت يۈسۈپ ئەپەندى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى رەئىسى ۋېيسى گۈنگۆر ئەپەندى، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتناشتى.
2010-12-24
يازغۇچى دوگ سائۇندېرسنىڭ "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدىكى ماقالىسىدە، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ قىممەت قارىشى دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "ليۇ شاۋبو ۋەقەسى" بىلەن، ئەسلىدىكى بۇ چۈمپەردىسىنى بىردىنلا چۆرۈپ تاشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى غەربنىڭ خىتاينى پارچىلاشتىكى سىياسىي قورالى دەپ جاكارلىغانلىقى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ خىتاي تۇپرىقىدا ئورنى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دىكتاتورىلىق ماھىيىتىنى ئاشكارا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
2010-12-24
قازاقىستان يېڭىلىقلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-دېكابىر كۈنى بېينېئۇ-بوزوي-چىمكەنت گاز تۇرۇبا لىنىيىسى بويىچە قۇرۇلۇش ئىشلىرى باشلانغان. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1،5 مىڭ كىلومېتىرغىچە بولۇپ، ئۇنى قازاقىستاننىڭ ماڭغىستاۋ، ئاقتۆپە، قىزىلوردا ۋە جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايەتلىرىدىن ئۆتكۈزۈش پىلانلانماقتا.
2010-12-24
ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تارقاقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەن.
2010-12-24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇ ھەپتە 2010- يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2010- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئېغىر بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.