ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-24
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 20-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى سەۋەبلىك ئەيىبلىنىپ، 2010- يىلى 4 -ئايدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ تېزلىكتە بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.
2010-12-24
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقساراي مەسلىھەتچىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەم تاغلىق رايونلاردىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى باھانە قىلىپ، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرغان ھەم چارۋىچىلارنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىگەن ئىدى.
2010-12-23
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" قۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ھەقسىز ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق خىتاينى تەشۋىق قىلىش ھەرئىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا. يېقىندا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە قۇرۇلغان "شىنجاڭ تۇڭشياڭخۈي" ئى بۇنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
2010-12-23
17-دېكابىر كۈنى ئالماتانىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا 1986-يىل دېكابىر ۋەقەسى قۇربانلىرىنى ئەسلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى مۇستەقىللىق ھەم يىلتوقسان قۇربانلىرى ھەيكەللىرىگە گۈلچەمبىرەكلەر قويدى ھەم نامايىش ئۆتكۈزدى.
2010-12-23
ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ب د ت نىڭ 2010 -يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى ناملىق يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەتي پولىياس خانىم قاتناشقان ئىدى. بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى پروگراممىمىزدا بۇ يىغىننىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق؛ بۈگۈن بىز بۇ يىغىندا كەتي پولىياس خانىم بەرگەن دوكلاتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
2010-12-23
دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆلچىمى ۋە پرىنسىپى بولغاندەك، ياخشى ئەخلاق بىلەن يامان ئەخلاقنى ئايرىۋېلىشنىڭمۇ مەلۇم ئۆلچەملىرى بار. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئۆلچەمنى كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئىزدەيدۇ، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىكى سىلىقلىق ۋە ئىبادەتلىرىدىكى دائىمىلىقنى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بەزى ئىنسانلاردىكى تىز ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇدۇل گەپ قىلىش دېگەندەك ھالەتلەرنى يامان ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ ۋە ھەر ئىككىسىدە كۆپ ھاللاردا خاتالىشىدۇ.
2010-12-23
ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىدە يەنە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، مىللىي سىياسىتى شۇنداقلا خىتايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنىشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالغان.
2010-12-23
خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى پىلانى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تېخنىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەم ئەمەلىي ياردەملىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىگە كىرىشىدە ئوينىغان رولى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت سىرلارنىڭ بىرىدۇر.
2010-12-23
ھىساشى، چىزۇكو ۋە كوئۇزە قاتارلىق كىشىلەر بىرلىكتە تۈزگەن، ياپونىيە تەتقىقات نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە نەشر قىلىنغان س د لىق كىتاب `21-ئەسىرنىڭ 10 يىلىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەر` ناملىق كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر 30 خەۋەرنىڭ سەككىزىنچىسى 2008-يىلى 3-ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نامايىشى بىلەن 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى. بۇ خەۋەر 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا يۈز بەرگەن 30 چوڭ خەۋەرنىڭ 8-سى بولۇپ باھالانغان.
2010-12-23
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 23- كۈنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىستانبۇلدىكى چىراغان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەئىس ياكى مىنىستىرلىرى قاتناشتى. يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئىران دۆلەت رەئىسى ئەخمەدى نىجات، ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئىلھام ئەلىيۇف، ئىراق دۆلەت رەئىسى جالال تالىبانى، ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىد كارزائى، قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى روزا ئۇتۇنبايىۋا پاكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.
2010-12-23
23-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ ۋېينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، سابىق مۇئاۋىن رەئىس ياڭ گاڭنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
2010-12-23
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى دې شاتتېر بۈگۈن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ رادىئومىزغا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى يىل ئالدىدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.
2010-12-23
خىتاي دائىرىلىرى 2011- يىلىدا ئۈرۈمچىدە 15 مىڭ ئاھالىنى ئۆيىدىن كۆچۈرۈشنى پىلان قىلماقتا. بۈگۈن ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى ئۆيلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، پىلان بويىچە 2011- يىلى 15 مىڭ كىشى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلىدىكەن.