ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-12-23
شىمالىي كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كىم يۇڭ چۈن بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بومبىلىرى ئارقىلىق بىر مەيدان "مۇقەددەس ئۇرۇش" قا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2010-12-22
ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىسىنىڭ 2-قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قارىتىلغان سىياسەتتىكى پەرق ھەم بۇ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە توختالغان.
2010-12-22
شائىر تېيىپچان ئېلىيوپ 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۆتكەن داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى. تېيىپچان ئېلىيوپ ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بىر شائىر. ئەمما شائىرنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، شائىرنى خاتىرىلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن.
2010-12-22
تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تەپتىش ئىدارىسى كادىرى ئەسەر ساقا تۈركىستانلى خانىمنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا شاماللىرى" ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان قىزىلئايدىكى مىللىي پىيانگو رەسىم كۆرگەزمىخانىسىدا رەسمىي باشلاندى.
2010-12-22
ئۇيغۇرلار تارىختا بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت ۋە ئىمپېراتورلۇق قۇرغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت. تۈرك تارىخچىلار ئۇيغۇر دىيارىنى ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ. خىتاي تارىخچىلار ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ داۋا قىلماقتا.
2010-12-22
21- دېكابىر كۈنى ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئىتتىپاقى زالىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوفىتسېرى، ئىقتىدارلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر، قازاق يازغۇچىلىرى مەسۈمجان زۇلپىقارنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.
2010-12-22
ئاتېئىزم - "يوق" لۇق پىكرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشنى ئاساسى تېما قىلغان، پۈتۈن دىنلارنى، شۇنداقلا ئاخىرەت ئالىمىنى ئىنكار قىلىدىغان پەلسەپىۋى ئېقىمدۇر. ئاتېئىزمچىلار دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ۋە ياراتقۇچىنىڭ يوقلۇقىنى دەۋا قىلغۇچىلاردۇر.
2010-12-22
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قاتار ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بويىچە پارتكوم دائىمىي ھەيئىتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2010-12-22
ئۈرۈمچى شەھىرى يېنىدىكى بىر كۆمۈر كاندا كان گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم ئۆلگەن. بۇ خەۋەر خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىنپاۋ گېزىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر كاننىڭ خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ بار ئىكەن. بىراق، باشقا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە خەۋەردە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.
2010-12-22
كانادا ھۆكۈمىتى "ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىبەتلىك مۇساپىرلارغا ئۆز ئىشىكىنى ئاچىدىغانلىقى" نى بىلدۈرۈپ، بەش يىل ئىچىدە ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال رايونىدىن مىڭ نەپەر تىبەت مۇساپىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2010-12-22
رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ 21-، 22-دېكابىر كۈنلىرى ھىندىستاندا قىزغىن كەيپىياتتا كۈتىۋېلىشغا ئېرىشتى.
2010-12-22
"خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان" بېيجىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان مەسئۇلى ۋەن يەنخەي ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەيجىشىڭ تەتقىقات ئورنىنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، مەزكۇر تەقىبلەشلەرنى دۆلەتلىك باج ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-12-21
ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر پارچە ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئاشكارىلانغان بەزى ماتېرىياللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2010-12-21
ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان داۋن يەنى شەپەق فوندى جەمئىيىتى 2007 - يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە نامرات، يېتىم - يېسىر بالىلارنى ئوقۇتۇش، ئىگە - چاقىسىز قېرى- چۆرىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق خەير - ساخاۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر فوندى جەمئىيەت.
2010-12-21
بۈگۈنكى كۈنلەردە شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدىكى جىددىيلىك ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قورالى پىلانى مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو تېخنىكىسى بىلەن جەنۇبىي كورىيىگە ھەتتا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس.