ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-01-31
1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كەڭ كۆلەمدە يەر ئىجارە بېرىش مەسىلىسى ھەققىدە قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-01-31
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي يەكشەنبە كۈنى تالىبانلارنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىشنى توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئافغانىستاننىڭ قانۇنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
2010-01-31
بۇ يىل "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش" پىلانى بويىچە قۇمۇلدىن 6 مىليون توننا كۆمۈر توشۇلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش" پىلانىنىڭ ئاساسلىق بازىسى ھېسابلىنىدىغان قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئۆتكەن بىر يىلدىكى كۆمۈر مەھسۇلاتى 12 مىليون توننىدىن، سىرتقا توشۇش مىقدارى 6 مىليون 80 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇلغان.
2010-01-31
شەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ شىمالىدىكى كالىنىنگراد شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، بەزى رۇسىيە مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نامايىشقا 10 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان، ئەمما ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بولسا، يەتتە مىڭ ئادەم قاتناشقان مەزكۇر نامايىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن.
2010-01-31
خەلقئارالىق مۇخبىرلار تەشكىلاتى 31 - يانۋار كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2010-01-30
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2010-01-30
خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي ئالماشتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
2010-01-30
خىتاي ئاخباراتلىرى شەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى گۇمان قىلىنغان ئىككى ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2010-01-30
ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندا ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون، تۈنۈگۈن يىغىن ئارىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشۈپ، google مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2010-01-29
خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ھەم خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچەيگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن.
2010-01-29
شىۋىتسارىيە بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالدىنقى كۈنى شىۋىتسارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
2010-01-29
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 44 - پرېزىدېنتى باراك ئوباما پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىلى بىر يىل بولدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك پرېزىدېنت بولۇشى ۋە ئامېرىكا سىياسىتىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرى تۈپەيلى ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى قاتتىق جەلپ قىلغان ئىدى.
2010-01-29
ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتى باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەتتىن ئىھسانئوغلۇنىڭ 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۈرىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتى تۈركىيىدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
2010-01-29
بۈگۈن 'بوشۈن تور گېزىتى' دە، خىتايدىكى مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭ ئەپەندىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن يازغان 'ھىندىستان ياخشىمىكەن ياكى خىتايمۇ؟' دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2010-01-29
ئالماتادىكى مۈزەمبىل مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى، پىشقەدەم جامائەت ئەربابى ئابباس قارىھاجىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.