ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-10-31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى تاكسىم مەيدانىدا، ئەتىگەن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىق چوڭ پارتلاش يۈز بەردى. ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئەتراپتا زور پاتىپاراقچىلىق - ئەنسىزلىك پەيدا بولدى.
2010-10-31
بوشۈن تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرنېت تېخنىكىسى مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاتالغۇ مەسىلىلىرى سۆزلەنگەندە، مۇتەخەسسىسلەر 'خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭمۇ مېڭىسى كونا' دەپ تەسۋىرلىدى.
2010-10-31
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئايرۇپىلاندا پارتلىتىش ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، پارتلىغۇچ پوسۇلكا تەييارلىغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئىككى ئايال بۈگۈن يەمەندە قولغا ئېلىندى.
2010-10-31
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خانويدىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا، بۈگۈن خانويدا، سىرەك توپا ۋە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان 'ياپونىيە بىلەن ۋيېتنام تارىخىدا بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلدى' دەپ جاكارلىدى.
2010-10-30
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنى خەلق پۇلى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى راسچوت قىلىش سىناق رايونى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
2010-10-30
ئامېرىكىنىڭ مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋام قىلماقتا. بۇ يىغىن بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. يىغىن مەيدانىدىكى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.
2010-10-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى خىتايغا بېرىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلار مەسلىھەتچىسى دەي بىڭگو بىلەن كۆرۈشكەن. دەي بىڭگو خىتاي دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، خىتايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتلارنىڭ بىرى ئىكەن.
2010-10-30
پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ برىزبان شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي تىلدىكى "ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتخانىسىغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئوق ئاتقۇچىلارنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2010-10-30
خىتاي ئادۋوكاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىگە يول قويۇلمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، جاڭ تيەنيوڭ، ۋە لى سۇبىن قاتارلىق ئىككى نەپەر خىتاي ئادۋوكات شەنبە كۈنى ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، سوتچىلار ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ ئادۋوكاتلارنى توسۇپ قالغان.
2010-10-30
ھەر يىلى بىر قېتىم ئوتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشماقتا.
2010-10-30
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت ئىشلىتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلار، خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ ئىچىدە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-10-29
ئامېرىكىدا چىقىدىغان n+1 ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر "قۇدرەتلىك بومبا" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇخبىر ماقالىسىنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا بىۋاستە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپىي سۆھبىتىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇلارنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئوي - پىكىرلىرىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2010-10-29
ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ خەلقئارالىق يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ مىچىگان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلاندى.
2010-10-29
ئۇيغۇر ئېلىدا 5 - ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقانلارنى تۇتۇش ۋە جازالاشنىڭ توختىماسلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۇرتىدىن قېچىش، مۆكۈش ۋە ھىجرەت قىلىش ئەھۋاللىرى داۋاملاشماقتا. 5 - ئىيۇل نامايىشىغا قېتىلغان ياشلاردىن بىرى، بىرقانچە ئاي خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۆكۈپ يۈرگەندىن كېيىن، بۇ يىل 4 - ئايدا خوڭكوڭ ئارقىلىق، ئەنگلىيىگە قېچىپ كەلگەن.
2010-10-29
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى تەۋەسىدە ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان يامغۇر ئىككى كۈندىن بۇيان قار ئارىلاش يامغۇرغا ئايلانغان. دېھقانلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەھۋال، قوناق قاتارلىق زىرائەتلىرىنى تېخى يىغىۋالالمىغان، بۇلتۇرقى يامغۇر ھەم قار ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلىرىنى ياساپ بولالمىغان ئىلى دېھقانلىرىغا تېخىمۇ زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.