ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-11-30
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسسىلىپ يارىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلارنى بارلىق ئامال بىلەن كونترول قىلىپ ۋە ۋەقەنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا
2010-11-30
ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەلەپنامىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارىتا 6 تۈرلۈك چاقىرىق ھەم 12 ماددىلىق كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2010-11-30
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى، قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرلىغان " قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى" دە پارتىيە سىياسىتىنى تەرىپلەيدۇ.
2010-11-30
يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر ھەيئەت ئۆمىكى تۈركىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسۋەتلىرىدىكى "كۆۋرۈكلۇك رولى " نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-11-30
تۈركىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن "مەزلۇملار جەمئىيىتى" يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچۇراۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. "مەزلۇملار جەمئىيىتى" نىڭ دوكلاتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگ ئەكۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
2010-11-30
مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاناداغا سىڭىپ كىرىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2010-11-30
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر ساقچى يېنىك ھالدا يارىلانغان
2010-11-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللاري كلىنتون خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيفا زىيارىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى.
2010-11-30
ئەيدىز كېسىلى گرىپتارى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئەمگەك ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇراجەتنامە يوللاپ، خىتايدا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2010-11-30
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 5 - باشلانغۇچ مەكتىپىدە پاتىپاراقچىلىق سەۋەبىدىن يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 41 نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانفان
2010-11-30
يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۆزىنىڭ نادىر ماقالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئەدەبىي خاتىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان قەلەمكەشلەردىن بېرىدۇر.
2010-11-29
شۋېتسىيىنى بازا قىلغان "ۋىكىلىكس" ناملىق تور بېتىنىڭ 250 مىڭ بەتلىك ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخپىي ھۆججىتىنى ئېلان قىلىشى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىگە دائىر مەزمۇنلار بار.
2010-11-29
سلوۋاكىيە پايتەختى براتىسلاۋا شەھرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن
2010-11-29
ئالىم كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان "ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۇزارا باغلىنىشى" ماۋزۇسىدا خەلق ئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
2010-11-29
29نويابىر دۈشەنبە كۈنى، بىر قىسىم جەنۇبىي كورىيىلىكلەر سېئۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدى ۋە شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى