ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-02-28
رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ھەمراجان ئەپەندى ۋە باشقىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن يېقىندا دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، " ئانا تىل بايلىقىم" دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ئۆگىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
2010-02-28
27 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن لاتىن ئامېرىكىسى چىلى دۆلىتىدىكى يەر تەۋرەشتە ئىككى مىليون ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 300 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
2010-02-28
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە رۇس ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلىرى ۋە دېموكراتلىرى تەرىپىدىن فاشىستلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىشنىڭ تۈپ نىشانى يېقىندا بارنائۇل شەھىرىدە بىر كورىيىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان فاشىست تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2010-02-28
قىرغىزىستانلىق تارىخچى پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئاسانقانوف قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك تارىخىي مۇزېيدا "خىتاي قىرغىزلىرى" نامىدا بىر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئاچقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە قىرغىزىستاننىڭ بىر قىسىم ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلىرى، پارلامېنت باشلىقى ھەمدە خىتاي - قىرغىزىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئامما قاتنىشىپ، فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەن.
2010-02-28
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئۆكتىچى رەھبىرى ھۈسەيىن مۇساۋى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچىنى يەنە كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-02-27
خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئىرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
2010-02-27
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شەنبە كۈنى خىتايدىكى تور ئەھلىگە بەرگەن جاۋابىدا 2010 - يىلىدا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-02-27
تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدىكى سايلامدا تەيۋەن دېموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇشقا باشلىغان.
2010-02-27
ناتو ۋە ئافغان قوشۇنلىرى مارجاھ يېزىسىدىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ئاخىرقى بازىلىرىنى تازىلاپ بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مارجاھ يېزىسىنىڭ مەركىزىدىن ئىلگىرىلەپ 4 كۈن يۈرۈش قىلغان ئامېرىكا ۋە ئافغان قوشۇنلىرى يېزىنىڭ شىمال قىسمىدىكى رايونلارنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچراشقان.
2010-02-27
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىشى ھارپىسىدا، خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى خىتاينىڭ يىۋۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسى، بولۇپمۇ يىۋۇ شەھىرىدىكى بىر قەدەر كۆپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن.
2010-02-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 26 - فېۋرال ميۇنخىندا باشلاندى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى شۇنداقلا سىياسىي ئەربابلىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى بىلەن باشلاندى.
2010-02-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان` 4 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش` يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، تۈرمىلەردە، ساقچى ئىدارىلىرىدا قىيناپمۇ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
2010-02-26
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى"، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى" قاتارلىقلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىللە قاتتىق تەنقىدلەنمەكتە.
2010-02-26
خىتايدا سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى سۇ ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقىلى 50 يىلدىن ئاشتى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىچىدىغان سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر نەچچە قېتىم يېڭى ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەمما ھېچقايسى ئىجرا قىلىنمىدى. ھازىر خىتايدا، خەلقئارا ئۆلچەم بۇيىچە ئېيتقاندا، ئادەم ئىچىشكە لايىق پاكىزە سۇ يوق.