ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-03-31
ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلاردا سىياسىي ھوقۇقنىڭ بولماسلىقى دەپ قارىسا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندى تەتقىقاتچىلار مەسىلىنىڭ، سىياسىي تەرىپىنى ئىنكار قىلماقتا.
2010-03-31
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرز مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىم موميالىرى ۋە موميا قەۋرىلىرىدىن تېپىلغان ئاسارە - ئەتىقىلەر ئامېرىكىلىقلاردا زور قىزىقىش قوزغىماقتا. لوس - ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى چارشەنبە كۈنى موميالار توغرىسىدا سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىكتور مېيىرنىڭ قاراشلىرىغا يەر بەرگەن.
2010-03-31
ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان "بۈگۈنكى زامان" نامىدىكى تۈرك گېزىتىدە، "تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆلەڭگۈ چۈشۈرمەسلىكى كېرەك" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2010-03-31
تەڭرىتاغ تور بېتىدە "ئابدۇۋەلىگە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى" ناملىق مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەيرىخاھلىقىنى قوزغىغان.
2010-03-31
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاخشام بەرگەن بۇ دوكلاتىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان.
2010-03-31
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۈسكۈدەر رايونلۇق باغلار باشى كۈلتۈر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھسىن يازىجىئوغلۇنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-03-31
28 - مارت كۈنى كانادا فېدېرال پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ كانادانىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە قويۇلىدىغان شەرتلەرنى يۇمشاتقانلىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنغان ھەمدە چەت ياقا، نامرات رايونلاردا ياشاۋاتقان سىياسىي پاناھلىققا ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ كانادانىڭ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2010-03-31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىم تۈنۈگۈن، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئەمدى ئىراننى جازالاشتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى.
2010-03-31
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ رۇسىيە دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن، 31 - مارت كۈنى موسكۋا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى داغىستاننىڭ چېچەنىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان قىزىليار شەھىرىدە، كەينى -كەينىدىن ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ 12 ئادەم ئۆلگەن.
2010-03-31
شىنخۇا تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەندۇڭدىكى 'لۇنېڭ' كۆمۈر ئېلىكتىر -خىمىيە شىركىتىنىڭ قۇبۇقساردىكى بىر كۆمۈر كېنىدا تۈنۈگۈن كان گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
2010-03-31
خىتاي رادىئو تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن، 31 - مارت (چارشەنبە) كۈنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلىتىنى مۇقىم قىلىش ئۈچۈن، جايلاردا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2010-03-31
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، كورلا تەۋەسىدىكى قىسمەن جايلار تەكلىماكان بورىنىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 28 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن شىددەتلىك تەكلىماكان بورىنىدا، ئاقسۇدا 60 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.
2010-03-30
ئۆتكەن ھەپتە گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ نۆۋەتتە شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شۋېتسارىيىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2010-03-30
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن "2009 - يىللىق ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى"نى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى قاتارلىقلار رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى خىتايغا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
2010-03-30
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ خىتاينىڭ يېڭى باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىنى خىتاي قارشى ئالدى. ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنى ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بىشارەت، ئەمدى ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر يېڭى ھەم ئىنتايىن قېيىن سۆھبەتلەر باشلىنىدۇ، دەپ قارىماقتا.