ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-04-30
ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان `خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى: خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى - ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى` ماۋزۇلۇق يىغىن 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاخىرلاشتى.
2010-04-30
بۈگۈن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ، تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2010-04-30
مەركىزى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل چۈشەنچە ئورگىنى بولغان "ئەركىنلىك ئۆيى" ھەر قايسى ئەللەرنىڭ 2009 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2009 - يىلىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولمىغانلىقىنى، كېيىنكى 8 يىلدا ئاخباراتقا بولغان بېسىمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
2010-04-30
ئامېرىكىدا تىبەتچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە چىقىدىغان 'تىبەتكە نەزەر' ژۇرنىلىنىڭ 42 - سانىدا ئېلان قىلىنغان 'دېڭ شاۋپىڭ خاندانلىقىنىڭ چېگرا رايون سىياسىتى' دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ ياۋباڭ تىبەت ئۈچۈن تۈزگەن 'ئالتە ماددا' لىق سىياسەت ئالدى بىلەن شىنجاڭدا قارشىلىققا ئۇچرىدى، ئاندىن تىبەتتە رەت قىلىندى، خۇ ياۋباڭ قايتىدىن تىبەت يىغىنى ئېچىپ، بۇنى رەھبەرلىكتىكى سولچىلىق خاتالىق دەپ كۆرسەتتى.
2010-04-30
2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان بىرلىك ۋەخپىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تارىختىكى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خې جاڭچۈەن ۋاقىت گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى ئېلى ئەرەن ئەپەندى قاتارلىق تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ سوئالغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقتىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئېتىراز بىلدۈرۈپ غۇلغۇلا قىلىشقان ئىدى.
2010-04-30
گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە شتاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ تونۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.
2010-04-30
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە كادىرلار نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەمۇرى خادىملارنىڭ "قوش تىل" ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە"قوش تىل" ئۆتكىلىنىڭ ئۇيغۇر مەمۇرى خادىملىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ياكى بۇ ئۆتكەلنىڭ خىتاي مەمۇرى خادىملىرىدىن تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
2010-04-30
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ 2009 ۋە 2010 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دوكلاتتىكى خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىغا دائىر بايانلىرىنى رەت قىلدى.
2010-04-30
بىر كىشى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېىفاڭ شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ، تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 5 بالىنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ۋەقەنىڭ شاڭجۇاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
2010-04-30
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 3 - ماي "دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى" مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دۈشمەن 40 شەخس ۋە گۇرۇھنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋنى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزدى.
2010-04-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 26 - چېسلا چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلوغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى نامىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشتى.
2010-04-29
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسى "ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر"دە دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2010-04-29
ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان "خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى: خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى - ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى" ماۋزۇلۇق يىغىن 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى رەسمىي باشلاندى.
2010-04-29
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئاسىيا ھەپتىلىك ژۇرنىلى"دا، "شىنجاڭدىكى يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ھەم مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەم ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.