ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-05-31
ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتىنىڭ تېللۇرىد شەھىرىدە، 28 - مايدىن 31 - مايغىچە 4 كۈن داۋاملاشقان خەلقئارالىق تاغ كىنو فېستىۋالىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم، مۇكاپاتلىنىشقا تېگىشلىك 10 چوڭ فىلىم نامزاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
2010-05-31
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغان ئانىسى روزىنىساخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.
2010-05-31
خىتاي تەن جازاسىغا تايىنىپ ئېلىنغان ئىقرارنامىنى سوتتا پاكىت ئورنىدا قوللىنىپ، مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاخىرى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەن جازاسىغا تايىنىپ ئېلىنغان ئىقرارنامىنى سوتتا پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.
2010-05-31
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۇ ئاينىڭ 30 - كۈنى (يەكشەنبە كۈنى) تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2010 - يىللىق "يىپەك يولى بايرىمى" غا قاتنىشىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى . بۇ سەنئەت بايرىمىغا موڭغۇلىيە، ئىران ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ھەم مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.
2010-05-31
قازاقىستان خەلقى ھەر يىلى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ستالىن دەۋرىدە قىرغىن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلىمەكتە. بۇ يىل 31 - ماي كۈنىمۇ ئالماتادىكى "يېڭىلىق ۋە بورالداي قەبرىستانلىقى"دا قازاق ۋە ئۇيغۇر جامائىتى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ستالىن دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلىرىنى ئەسلىگەن ۋە ئەينى چاغدىكى كوممۇنىزم قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.
2010-05-31
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر مەمتىلى تەۋپىق 1901 - يىلى ئاتۇشنىڭ بويامەت يېزىسىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى تەرەققىيپەرۋەر كىشى بولۇپ، ئوغلى سەككىز ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇنى ئاتۇشتىكى تۇنجى مەكتەپ - ھەبب زادە مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەرگەن.
2010-05-31
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى "جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى"نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.
2010-05-31
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىدە مۇقىملىق خىزمىتى ۋە ئاقما نوپۇسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۇرپان "ئامانلىق" تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، تۇرپان ۋىلايىتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى دىنىي ئىشلار ئىشخانىسى 24 - ماي تۇرپان ۋىلايىتى يار يېزىسى يېڭى مەھەللە كەنتىدە دىنىي زاتلارنى يىغىپ سۆھبەتلەشكەن.
2010-05-31
خىتاي يەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2010-05-31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ياردەم ئەسلىھەلىرى بېسىپ غەززە رايونىغا قاراپ يولغا چىققان كېمە توپىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن "قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى"نى بىلدۈردى.
2010-05-31
1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن "سەددىچىننىڭ سىرتىدا" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۈگۈن ئاخشام يەنى 31 - ماي كۈنى كەچتە نيۇيوركتىكى تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت زالىدا قويۇلماقچى.
2010-05-31
كامبودژا باش مىنىستىرى Hun Sen بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ كامبودژاغا 257 دانە ھەربىي يۈك ئاپتوموبىلى ۋە 50 مىڭ قۇر ھەربىي كىيىم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
2010-05-30
خىتاي تىلىدا تارقىتىلىۋاتقان "ئۇيغۇر بىز" تورى ۋە "بوشۇن" تورلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شېڭمىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
2010-05-30
يەكشەنبە كۈنى كوسوۋا ساقچىلىرى ۋە كوسوۋادا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ئەترىتى كوسوۋانىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەردە سېربلار بىلەن ئالبانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ تارقاتقان.
2010-05-30
28 - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جورج كرول موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى گرىگورىي كراسىن بىلەن ئۇچرىشىپ، قىرغىزىستان ۋەزىيەتى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن.