ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-07-31
قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتى بويىچە بۇ يىل ئىچىدە 10 مىڭغا يېقىن ئەمگەكچى ئۈستىدىن تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.
2010-07-31
ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدە 29 - ئىيۇل چۈشتە ئېغىر سەل ئاپىتى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئاپەت يەرلىك ئامما ۋە بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغان. ئەمما، خەۋەردە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى ۋە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا قۇتقۇزۇش ئەترىتى 30 - ئىيۇلغىچە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلەلمىگەن.
2010-07-31
بىر قىسىم داڭلىق خىتاي پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمزا توپلاشقا باشلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەتكە نۆۋەتتە 23 نەپەر خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويغان. خەت خىتايدىن خوڭكوڭغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان ۋە جۈمە كۈنى خوڭكوڭدا ئېلان قىلىنغان.
2010-07-31
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا ئەتراپىدا سېمىز ئالاقە سىگناللىرى ۋە ئېلېكتر دولقۇنلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى رايونلارغا كىرىش ئەھۋالنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئانالىزلار ئارخىپلاشتۇرۇلغان. تەكشۈرۈش قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە قىزىلسۇ رايونلىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن تۇتىشىدىغان جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشنى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمى رادىئو دولقۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان.
2010-07-31
شەنبە كۈنى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەردى. نامايىشتا بىر ئۆسمۈر ئۆلدى ۋە 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان كەشمىردىكى مۇسۇلمانلار مۇستەقىللىقى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى. نامايىش جەريانىدا 22 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2010-07-30
چارشەنبە كۈنى " دىيارىم تور بېتى"نىڭ چەتئەلدىكى تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، دىيارىم تور بېتى ساھىبى دىلشات پەرھاتنىڭ ئاكىسى دىلمۇرات پەرھات ئىنىسى دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرئەلى ئوبۇلقاسىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم سوت تەرىپىدىن مەخپىي سوتلانغانلىقىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلاتقان ئىدى.
2010-07-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدىكى ئارام كۈنلىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىسىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن،يازلىق تەتىل باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر كۈن، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەققىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى.
2010-07-30
ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تاكتىكا ئۆزگەرتىپ "خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش" دەيدىغان شۇئار بويىچە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۇئارىنى قاتتىق توۋلاپ، "بىر ئائىلىدە ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش" دەيدىغان سىياسەت بويىچە "بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلەرنى تىزىملاشقا باشلىغان.
2010-07-30
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شەرقىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن ئىدى. خىتايمۇ بۇ رايوندا ئارقا - ئارقىدىن ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ كۈچىيىپ باش كۆتۈرگەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ھەربىي مەشقلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئاسيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارا يېڭىدىن ئۇيۇشۇش پەيدا بولدى.
2010-07-30
400 دىن ئارتۇق ۋەخپى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان "تۈركىيە ئاممىۋىي ھەمكارلىق مۇنبىرى"نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان تۈركىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش سايلىمىدا قوشۇلىدىغانلارنىڭ ئاۋازىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئوسمانىيە مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-07-30
ئۇيغۇربىز تور بېتى بۈگۈن بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان. بىرلەشمە باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ژۇرنالىست غەيرەت نىياز شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىپ تەكلىپ سۇنغان.
2010-07-30
ئالدىنقى كۈنى بېشكەكتە ئېچىلغان قىرغىزىستانغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا، ئامېرىكا قىرغىزىستانغا 49 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر يىغىن دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە قىرغىزىستان دۆلەت ئاپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر يىغىندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر قىرغىزىستانغا جەمئىي 1مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇ پۇل بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنۈپ، بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە بېرىلمەكچى.
2010-07-30
29 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ نەنجىڭدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ 400 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يەنە چاڭشا ۋە چاڭچۈن شەھەرلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش ئيۈز بېرىپ، جەمئىي 3 كىشى ئۆلگەن ۋە 30 نەچچە كىشى يارىدار بولغان.
2010-07-30
خىتاينىڭ 5" - ئىيۇل " دىن كېيىنكى جازالاش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى بولغان. بۇ ئەھۋال، ئىنتېرنېتنىڭ 10 ئاي كېسىۋېتىلىشى ۋە يېقىندا غەيرەت نىياز ۋە دىلشات پەرھات قاتارلىق 4 نەپەر تور باشقۇرغۇچىسىنىڭ سوتلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەردىن مەلۇم بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، نەق جازالانغان تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا سىر ھالەتتە تۇرماقتا ئىدى.