ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-08-31
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق نەشرىيات ئەپكارلىرىدىن "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" يەكشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 7 - ئايدا نورۋېگىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان نورۋېگىيىلىك ئۇيغۇرلاردىن راشىدىن مۇھەممەت قاتارلىق 3 كىشىلىك ئەلقائىدە گۇرۇھىنىڭ ھەرىكىتىگە دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.
2010-08-31
بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان قاتارلىق رايونلىرىغا چېگرىلىنىدىغان گېلگىت- بالتىستان رايونىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۈگۈن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گېلگىتنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە بۇ رايونىدىكى خىتايلارنىڭ پەقەت ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول ياساۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
2010-08-31
2010 - يىلى دۇنيا چېمپىيونلۇق ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى تۈركىيىدە داۋاملاشماقتا. 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاي ۋاسكىتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى ئارەنا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2010-08-31
25 - ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 10 - ئۆكتەبىردىكى پارلامېنت نامزاتلىرى سايلىمى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
2010-08-31
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە رايونغا گەنسۇ ۋە خېنەن قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يەنە بىر تۈركۈم يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل يۆتكەش رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان.
2010-08-31
يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم يېزىلىق ساقچىخانىسىدا، ئالدىنقى ھەپتە 2 دانە تاپانچا ۋە 50 پاي ئوق يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2010-08-31
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى مەخسۇس "تۆتنى تونۇش" تەشۋىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، توققۇزاق ناھىيىسىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرغان.
2010-08-31
خىتايچە ياشىن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ تارماقلىرى ئاقسۇدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى قول تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقاتقان 2 نەپەر خىتاينى ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 ۋە 4 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.
2010-08-31
خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارغا ياردەم بېرىش يىغىنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭسۇ ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىكى بىر تۈركۈم سودا - سانائەتچىلەر ئۆز - ئارا ئۇچراشتۇرۇلغان ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
2010-08-31
رويتىرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە بېلارۇسىيە پايتەختى مىنسك شەھىرىدىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ۋەقەدە ھۇجۇمچى ئەلچىخانىغا قارىتىپ ئىككى دانە بومبا تاشلىغان.
2010-08-30
مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاقسۇدا چارلاش ساقچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن. مەھەللىلەردە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كۆپەيتىلگەن.
2010-08-30
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن فائىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار يىغىلىشىغا ۋىرجىنىيە، ماريلاند شىتاتلىرىدا ۋە ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
2010-08-30
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىگە كېلىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللاھ گۈلنى 100 لىگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن 20 مىنۇت مۇڭداشقان.
2010-08-30
2010 - يىلى، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ تارىخ زافەر تۇنيا مەدەنىيەت يىغىن زالىدا، 2 - نۆۋەتلىك "ئۇيغۇر پەن - مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2010-08-30
بۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك، ئونسۇ ناھىيىسىدە 4 كۈن قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن؛ ئابدۇرېھىم موللەكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ كەلگەن قىزىل سۇ يېزا ياشلار مەيدانىنىڭ باشلىقى خەن جيامېن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى مەيدان باشلىقى، ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.