ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-09-30
نورۋېگىيىدە ئەل قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر گۇماندار راشىدىن مەمەت ئەسلى پىلاندىكى ھۇجۇم نىشانىنىڭ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2010-09-30
2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى "خىلتون" مېھمانخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەبرىكلەش زىياپىتىگە تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن دىلشات ئۇيغۇرئوغلۇ، شۆھرەت دوختۇر، ۋولقان ئۆزتۈرك، ئالەمدار ئائىلىسىنىڭ بالىلىرى ۋە بىر قانچە قازاقلارمۇ قاتناشقان.
2010-09-30
خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى گۆش، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەن. بۇ، رايوندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.
2010-09-30
خىتاي "1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى" نى تەبرىكلەپ 61 يىللىق "نەتىجىلىرى" گە تەنتەنە قىلماقتا. ئۇيغۇر مۇلاھىزىچىلەر، بۇ 61 يىلنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك دىكتاتورلىقى ئاستىدا "يېرىم ئاچ يېرىم توق" ھايات كەچۈرگەن يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2010-09-30
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى شارشىلدا، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىشقا، ھەتتا قىممەتلىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئوۋلاشقىمۇ بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ساياھەت شىركىتى خادىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، شارشىلدا ھەتتا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئېيىقلارنى ئوۋلاشقىمۇ يول قويۇلىدىكەن.
2010-09-30
بۈگۈن خىتاي "دياۋيۈداۋ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى" دەپ جاكارلىدى. ياپونىيىمۇ "سېنكاكۇ ئاراللىرى ياپونىيىنىڭ مۇقىم زېمىنى" دەپ جاكارلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ھازىرقى گەپ - سۆزلىرى، خۇددى بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن كورىيىگە توساتتىن ئەسكەر چىقىرىش ئالدىدا قىلغان گەپ - سۆزلىرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.
2010-09-30
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
2010-09-30
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى غەربىي نۇقتا (West Point) ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
2010-09-30
رادىئومىزنىڭ "ئۇيغۇربىز" تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، دائىرىلەر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا بېرىشىغا يول قويمىغان.
2010-09-30
خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. مەزكۇر زىيارەت، خىتاي دائىرىلىرى بىرىنچى ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن تۈركىيىدە ئۆتكۈزىدىغان "خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ھارپىسىغا توغرا كەلدى.
2010-09-30
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدىكى تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلەرنى بېكىتتى.
2010-09-30
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىدىغان قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھىسى پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن، رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. قانۇن يولغا قويۇلغان تەقدىردە ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغان خىتاي ماللىرىغا جازا خاراكتېرلىك چېگرا بېجى قويۇلىدىكەن.
2010-09-29
خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر بايرىمى يەنى ئالتۇن ھەپتىلىكى ئاتالغان يەنە بىر ساياھەت دولقۇنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۆكتەبىر ساياھەت ھەپتىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى ئۈچۈن تازا پۇل تاپىدىغان پۇرسەت بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گۈزەل سەيلى ماكانلىرى ئۈچۈن بۇ ساياھەتچىلەر دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىدا يەنە بىر قېتىملىق بۇلغىنىشنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2010-09-29
قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ يېزىسىدا 2008 - يىلى، 13 ياشلىق ئۇيغۇر قىز زورىگۈل سەپەرنى، سىچۇەنلىك بىر كۆچمەننىڭ ئىتى تالاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سىچۇەنلىك كۆچمەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمىگەندىن سىرت يۇرتىغا قېچىپ كېتىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغان.
2010-09-29
ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە چارلاش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېيتقان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە نامايىشقا قاتناشقان تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.