ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-30
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياسىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-29
گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدىكى توقۇنۇشتا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ساقچىلار چېگرادىن قاچماقچى بولغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
2011-12-29
28-دېكابىر كۈنى كەچتە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكالاي يېزىسىدىكى، ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاينىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىلانغان.
2011-12-29
2011-يىلى ئاخىرلىشىپ 2012-يىلى كىرەي دەپ قالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، كېلىۋاتقان يىلدىن يېڭى ئۈمىدلەر كۈتۈلىدۇ.
2011-12-29
كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سەتچىلىكلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ كانادادىكى ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقىنى تەكشۈرمەكتە.
2011-12-29
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت كۆكتۈرك باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تور ئۇچۇر مەجمۇئەسى - «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
2011-12-29
28-دېكابىر گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ب د ت نى بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
2011-12-29
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرىنى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
2011-12-29
خىتايدا بىر كۈننىڭ ئىچىدە جەمئىي 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىندى. ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 6-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر باج ئىدارىسىنى پارتلاتقان ليۇ جۈيخۇڭمۇ بار.
2011-12-29
مېكسىكا دائىرىلىرى بۈگۈن خىتايدىن كەلگەن 120 توننا زەھەرلىك ماددىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مونومېتىيلامىن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زەھەرلىك ماددا شاڭخەيدىن مېكسىكىنىڭ پورتو كۋېتزال پورتىغا ئەۋەتىلگەن.
2011-12-29
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە مۇھىم رول ئوينىغان گېنېرال سامۇل لوكلىرنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.
2011-12-28
ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا 39 كۈن ياتقان ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپاندىن قېچىپ بېيجىڭدا يوشۇرۇن ياشاۋاتقان نۇرگۈل توختى، قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2011-12-28
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
2011-12-28
تۈركىيىدە 2012-يىلى خىتاي يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.