ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-28
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى ھەم خۇلاسىلىدى.
2011-12-28
2012-يىلى گېرمانىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ گېرمانىيىدەك بىر دۆلەتتە تەشكىللىنىشى گېرمانىيىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىدى.
2011-12-28
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىگە شىمالىي ئافغانىستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەردى.
2011-12-28
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى «23-ئىيۇل ۋېنجۇ تېز سۈرەتلىك پويىز ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى كونترول مەركىزىنىڭ زاپچاسلىرىدىكى ئېغىر لايىھىلەش خاتالىقى، پويىز مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنىڭ قاتتىق ئەمەسلىكى، پويىزدا كاشىلا يۈز بەرگەندە ئۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-12-28
شىمالىي كورىيە دىكتاتورى كىم جۇڭئىلنىڭ دەپنە مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى پيوڭياڭدا باشلاندى. دەپنە پائالىيىتى ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ.
2011-12-28
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ، فورمۇز بوغۇزى قاتنىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-28
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا جايلارغا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئىككى بايرام ۋە قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىدا تازىلاش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2011-12-28
چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت 9:00 گۇما ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 7 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
2011-12-27
ئۇچتۇرپان تۈرمىسىدە 39 كۈن قاماپ قويۇلغان ئەرزدار نۇرگۈل توختى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ قاماقخانا ۋە سوراقخانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2011-12-27
2012-يىلى كىرىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇقىملىقىنى ساقلاشنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، بۇنى يېڭى بىر يىلدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ بەلگىلىدى.
2011-12-27
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت دۇران بۇلۇت ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا مەخسۇس خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىدى.
2011-12-27
شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا «31-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-12-27
گېرمانىيىدىكى ۋ د ر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى كىرستېن رۇلف خانىم خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى بىر يېرىم ئاي كۆزەتكەندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەلقنى قانداق ئەخمەق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان.
2011-12-27
كانادادا چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا، 2011-يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز دىكتاتورلار تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي دىكتاتورى خۇ جىنتاۋنى 5-ئورۇنغا تىزغان.
2011-12-27
مىسىرنىڭ سابىق رەئىسى مۇبارەك بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئاخىرقى سوتى يېقىنلىشىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۇنى ئاقلايدىغان يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىققان.