ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-01-14
24 يىلدىن بۇيان تۇنىستا ھاكىمىيەت سوراپ كەلگەن پرېزىدېنت زەينۇل-ئابىدىن بىن ئالىي خەلق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدا جۈمە كۈنى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۆلىتىدىن ئايرىلغان.
2011-01-13
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى خىتاي پارتكوم سېكرېتارلىرى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلارنى ئۆز خاھىشى ۋە ئۆزىنىڭ خۇي-پەيلى بويىچە زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن ئىدارە قىلماقتا.
2011-01-13
2010-يىلى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، جۈملىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى خەلقئارا جامائەتچىلىك يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
2011-01-13
خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 11-يانۋار لوندوندا ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىق سۆھبىتىنى باشلىغاندا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئېمبارگوسىنى يۇمشىتىشنى تەلەپ قىلغان.
2011-01-13
تىبەت پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى ھەمدە مائارىپ ۋە ياشاش ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2011-01-13
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ھەپتە ئاخىرى تۈركىيە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
2011-01-13
قازاقىستاندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 10-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چارىن يېزىسىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن.
2011-01-13
قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى ۋە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2011-01-13
مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى دىنارا ياپونچە قىلىچۋازلىق يانى جودو ماھارىتى بويىچە قىرغىزىستاندا چېمپىيون بولغان.
2011-01-13
2010-يىلى 12-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى قارارگاھى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە بولغان خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىدا زىيارەتتە بولدى.
2011-01-13
ئامېرىكا ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ رەئىسى مايك مۇللېن "خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكىنى نىشان قىلغان"، دېدى. ئۇ سۆزىدە "خىتاينىڭ ج ج-20 تىپلىق راداردا كۆرۈنمەيدىغان كۈرەشچى ئايروپىلانغا ئوخشاش ئىلغار ھەربىي قوراللارنى ياساپ چىقىشى تەبىئىي ھالدا خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ"، دەپ تەكىتلىگەن.
2011-01-13
خىتاي بىلەن ئۇزۇندىن بېرى چېگرا-تالاش تارتىشى بولغان تاجىكىستان خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
2011-01-13
مەركىزى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان "ئەركىنلىك سارىيى" پەيشەنبە كۈنى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىزچىل كەينىگە چېكىنگەن.
2011-01-13
خىتايدا چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەندوڭ ئۆلكىسى ھەر يىلى 70 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
2011-01-13
خىتاي مائارىپ خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇر بەكرى يېقىندا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 17 ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلاردىن ھازىرقى تارىخى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.