ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-01-25
بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ب د ت ئىشخانىسى ئالدىغا توپلانغان ۋە 100 دىن ئارتۇق ساقچى ئۇلارنىڭ ئالدىنى زوراۋانلىق بىلەن توسقان ۋە تارقىتىۋەتكەن ئىدى.
2011-01-25
بۈگۈن خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋادىكى ئايرودرومدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرگەن.
2011-01-25
كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يېزا رەھبەرلىرى ئۆز يېزىسىغا تەۋە ئەرزدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.
2011-01-25
ئۇيغۇرلار قوللىرىدا تاجىكىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 3 ئۇيغۇر بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە تاجىكىستان دۆلەت باشلىقىنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا نامايىش قىلدى.
2011-01-25
ئۆتكەن ھەپتە كۈيتۇن تور بېكىتىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىڭتۇەنلەرگە يېڭىدىن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زىيادە كۆپلۈكى ھەم ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدىكى ماقالە بېسىلغان.
2011-01-25
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننى، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرمىدى دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. بۈگۈن باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بان كىمۇننىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىزمەت ئۇسلۇبىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى، يەنى دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى ئاساسى ۋاسىتە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-01-25
كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يولۇققان مەسىلىلىرى ۋە دەردلىرى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
2011-01-25
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا يېزا رەھبەرلىرى بىلەن بىر قىسىم زاۋۇت، كارخانىلىرىنىڭ غەيرىي ئەخلاقىي ھەمكارلىقلىرى، شۇ جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى دەخلىگە ئۇچراتماقتا ۋە بەزىدە پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
2011-01-25
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرۇئاسىيا ئىنستىتۇتىدا "ناۋايى دەۋرىدىكى تۈرك تارىخى ۋە ناۋايىنىڭ تۈركچىسى" ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2011-01-24
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە كەلگەن رەھبىرى ھەيئىتى 20-يانۋار گوللاندىيە پارلامېنتىدا ۋە گوللاندىيە دىيانەت مەركىزىدە بولغان ئىدى. 21-يانۋار بولسا ئامىستېردامنىڭ سلوتېردەيكتىكى بىر مەرىكە زالىدا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار بىلەن جەم بولدى.
2011-01-24
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن 10.517 توننىغا يەتكەن.
2011-01-24
20 -يانۋار كۈنى باشلانغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتى، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن يەنى 23 - ۋە 24 -يانۋار كۈنلىرى فرانسىيىدە داۋاملاشتى.
2011-01-24
ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتقا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر قىز، 5-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم قاماپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-01-24
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەزلۇم دەر ئىسمى بىلەن تونۇلغان 'مەزلۇملار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە، تاجىكىستاندا تۇتۇلغان تۈركىيە پۇقراسى 3 ئۇيغۇر ھەققىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-01-24
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى "خىتايدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار توسالغۇلار ئىچىدە زورايماقتا" ناملىق خەۋىرىنىڭ ئاساسى قىسمىدا بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۈشكۈلاتى تەسۋىرلەنگەن.