ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-01-24
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامى بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن جان دىلى بىلەن ئىشلەپ ئۆتتى. كېسەللىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى بۇ ئۇلۇغۋار خىزمىتىدىن بىر كۈنمۇ توسۇپ قالالمىدى.
2011-01-24
يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2011-01-24
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى پاكىستاندىكى تېررورلۇق بازىلىرىدا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2011-01-24
غەرب ئەللىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا "يۇمشاق قول" بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېريۇسسېلدىن خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دېموكراتىك غەرب ئەللىرى شۇنداقلا ياۋروپا بىرلىكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.
2011-01-24
ئامېرىكىنىڭ بىر ئىنژېنېرى خىتايغا ھەربىي تېخنىكا مەخپىيىتىنى سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن ناشىر گوۋادىيا ئىسىملىك بۇ ئىنژېنېر ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ب-2 تىپلىق راداردا كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلان ياساش تەتقىقاتىغا قاتناشقان. ئۇ 2005-يىلى خىتايغا بۇ خىل ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
2011-01-24
رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى دومودې دوۋو ئايرودرومىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى. ۋەقەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 35 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 130 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2011-01-23
21-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن "كاۋاپچى ساخاۋەتچى" دەپ ئاتالغان ئالىم خالىقتىن ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسى بويىچە ئالىمنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغاش قارار قىلىنغان.
2011-01-23
يېقىندا خىتاي ئۆزىنىڭ تۇنجى راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانى «J-20» نى ياساپ چىقىپ، سىناق قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان ۋە خىتاينىڭ يوشۇرۇن ھەربىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
2011-01-23
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي 20-21-يانۋار كۈنلىرى موسكۋادا ئىككى كۈن رەسمىي زىيارەتتە بولغان.
2011-01-23
ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي سۇداندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق توغرىسىدىكى ئاممىۋى ئاۋاز بېرىشنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغان نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە 99% سۇدانلىق مۇستەقىللىققا ئاۋاز بەرگەن.
2011-01-23
ئۇزۇندىن بۇيان ئۆكتىچىلىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تايلاندتىكى قىزىل مايكىلىقلار يەكشەنبە كۈنى بانكوك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى قولغا ئېلىنغان قىزى مايكىلىقلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2011-01-22
خىتاي ئاۋىئاتسىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يەنە ئايرودروم كۆپەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئايرودروم سانىنى 22 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2011-01-22
ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە داڭ چىقارغان ناخشىچى شەۋكەت قاتارلىق 3 ئادەمنىڭ 22- يانۋار يۈز بەرگەن بىر قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2011-01-22
خىتاي ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىلىشقا كۆندۈرۈلگەن ئامېرىكا پۇقراسى گلېن شرىۋېر جۈمە كۈنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2011-01-22
خىتايدىكى مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى جاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا قۇرۇلۇۋاتقان سۇ توسمىسىنىڭ مەزكۇر دەريادىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.