ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-03-21
بۇ قېتىم ياپونىيىدە يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ھەم دېڭىز شاۋقۇنى تەسىرىدىن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىن ئاتوم رادىئاتسىيىسى تارقىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى.
2011-03-21
3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلماقچى.
2011-03-21
سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدا ئىئوردانىيىگە يېقىن جايدىكى داررا شەھىرىدە، ئۈچ كۈندىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك نامايىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.
2011-03-20
ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشمە كۈچلەر لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
2011-03-20
شەنبە كۈنى بىرلەشمە كۈچلەر كازافىي باشچىلىقىدىكى لىۋىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغان لىۋىيە خەلقىنىڭ خىتابلىرىنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2011-03-20
20- مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەتلىكلەر تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش سايلىمى ئۈچۈن 56 سايلام پونكىتىغا بېرىپ، بېلەت تاشلىدى.
2011-03-20
ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 20-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل شەھەرلىك چاپا ئاناتولىيە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى.
2011-03-19
شەنبە كۈنى، فرانسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە ئوت ئاچتى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر BBC ۋە CNN خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا خەۋەر قىلىندى.
2011-03-19
شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر نېفىتلىكنى خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى ھەسسىدارلىق شېكىرى قارمىقىدىكى «غەلىبە» نېفىتلىك شىركىتى قاراماي رايونىدىن تاپقان.
2011-03-19
شەنبە كۈنى، ئەنگلىيە فرانسىيە، ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە پارىژدا ئۇچراشتى.
2011-03-19
ياپونىيە ئىنژېنېرلىرى شەنبە كۈنى زەخىمىگە ئۇچرىغان 2-نومۇرلۇق يادرو رېئاكتورىنىڭ سوۋۇتۇش مېخانىزمىغا توك ئۇلاپ، رېئاكتور قىزىپ پارتلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
2011-03-19
ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىلىق سىياسىيون سارا پالىن شەنبە كۈنى، ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2011-03-18
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم بازارلىرىدا كۆرۈنۈۋاتقان تۇز قەھەتچىلىكى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ساراسىمە، دائىرىلەرىنى مەخسۇس تۇز زاپاس مىقدارىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر قىلغان ئىكەن.
2011-03-18
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-03-18
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىگە لىۋىيىدە كازافىيغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۆرگەن خەلقنى قوغداشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشقا ھوقۇق بەردى.