ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-03-30
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارالىق شەھەر قىلىپ، قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-03-30
خىتايدىكى مۇھىت قوغداش گۇرۇپپىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەتنامە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاناش كۆلى رايونىدىن ئۆتىدىغان خىتاي-رۇسىيە گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2011-03-30
4 كۈندىن بۇيان يۈننەن ئۆلكىسى سۈيجياڭ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قارىشى نامايىش قىلىۋاتقان 2 مىڭ ئەتراپىدىكى دېھقان سەيشەنبە كۈنى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.
2011-03-30
يەمەن پرېزىدېنتى ئېلى ئابدۇللاھ سالېھ نامايىشچىلارغا يېڭى ۋەدىلەرنى بېرىپ، بۇ نۆۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈلگىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقى، ئەمما ھوقۇقنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-03-30
نازاربايېفنىڭ سابىق كۈيئوغلى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ئاۋسترىيىدە پاناھلانغان سىياسىي مۇساپىر راھەت ئالىيېف پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتايغا يەر ئىجارىگە بېرىشىگە ئائىت مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
2011-03-29
سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، لىۋىيىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە كازافىينى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
2011-03-29
يېقىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش كانادا پارلامېنتى دىنىي ئىشلار كومىتېتى تەشكىللىگەن دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇچراۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتتى.
2011-03-29
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2010-يىلى دۇنيادا 527 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
2011-03-29
28-مارت دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسا شەھىرىدە 3000 كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «بۇ كۈن تىبەتتە دالاي لاما ئاغدۇرۇلۇپ، تىبەت يانچىلىرى ئازادلىققا ئېرىشكەن كۈن» دەپ تەشۋىق قىلدى.
2011-03-29
ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيىدە خەلق نامايىشلىرى يەمەن ۋە لىۋىيىدىكى نامايىشلاردەك ئەۋجىگە چىقمىغان بولسىمۇ، نامايىشچى خەلق ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
2011-03-29
3-ئاينىڭ 24-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدا باشلانغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ 9-نۆۋەتلىك تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخىرلاشتى.
2011-03-29
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شىخەنزە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى، مەزكۇر شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مەمەت رېھىم ۋە مەمەت سىدىق ئىسىملىك دادا-بالا دىنىي زاتلارنى قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى تارقاتقان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
2011-03-29
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، تۈنۈگۈن، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەققىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان.
2011-03-29
سۈرىيىدە ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنىڭ نەتىجىسىدە، بۈگۈن ھۆكۈمەت ئىستېپا بەردى. سۈرىيە دۆلەت باشلىقى بەشار ئەساد، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.
2011-03-29
بۈگۈن ئەرەب دۆلەتلىرىدىن قاتار، لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان لىۋىيە مىللىي مەجلىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.