ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-03-24
ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش ۋە سۇنامى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 18مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۈگۈن ياپون دائىرىلىرى مىياگىدە 5700، ئىۋاتېدە 3000، فۇكۇشىمادا 776 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قوش ئاپەتتە 18 مىڭ ئۆي ۋەيران بولدى.
2011-03-23
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر قانۇن چىقارغۇچىسى تەكلىپ قىلغان.
2011-03-23
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ خەۋەر تورى بۈگۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن 3 چوڭ قوراللىق ۋەقەنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان نۇرمەمەت ئوبۇلقاسىم قاتارلىق 7 مەھكۇمغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
2011-03-23
كازافىي ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىرلەشمە قىسىملارنى «ئەسل-سەلپ» دەپ جاكارلىدى. بۈگۈن ناتو پاراخوتلىرى ب د ت لىۋىيىگە قويغان چەكلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
2011-03-23
كانادا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە فرانسىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ 6 دانە F18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن 140 نەپەر ھەربىي خادىم ئەۋەتتى.
2011-03-23
تۇنىستىن باشلانغان نامايىش دولقۇنى چاقماق تېزلىكىدە ھەر تەرەپكە يېيىلغان بولۇپ، مىسىر، يەمەن، بەھرەيىن، لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆزىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
2011-03-23
قازاق خەلقىنىڭ تونۇلغان شائىرى، پارلامېنت ئەزاسى ۋە سابىق باش ئەلچى مۇختار شاخانوف تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى.
2011-03-23
ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ خىتايدا باش كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىقى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2011-03-23
2011-يىلى 19-مارت تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تۈركىستان كۈنتەرتىپى» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىل، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى.
2011-03-23
خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 100 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 21-مارت قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالغان.
2011-03-23
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ كومىتېت زالىدا تەكلىپ بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-03-23
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نۇرمۇھەممەت ئوبۇل قاسىم قاتارلىق 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ۋە ئەمەت نۇر قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولۇپ، بۇنى خىتاي ئالىي سوتى تەستىقلىغان.
2011-03-23
خىتاي لىۋىيە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇنىڭ، خىتاي ئۆز خەلقىنى ئوتتۇرا شەرقچە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردىن توسۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
2011-03-23
بىرلەشمە ئارمىيە ئايروپىلانلىرى چارشەنبە كۈنى، مىسراتا شەھىرىنى توپقا تۇتۇۋاتقان كازافىينىڭ تانكىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. يەرلىكلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشمە ئارمىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، كازافىي تانكىلىرىنىڭ زۇۋانى ئۆچكەن.
2011-03-22
ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 5-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى ئىككى كۈنلۈك بىرىنچى باسقۇچى بۈگۈن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تاماملاندى.