ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-04-22
خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ غەربىي جەنۇبى سىچۈەندىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ساياھەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
2011-04-22
چارشەنبە كۈنى تۈركىيە سودا ئىدارىسى سودا كېلىشىم مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ھۈسنۈ دىلەمرە باشچىلىقىدىكى تۈركىيە سودا ئۆمىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا نازارىتىنىڭ نازىرى خې يىمىڭ، تۈركىيە سودا ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سانائەت باغچىسى قۇرۇش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.
2011-04-22
ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ 12-5 يىللىق پىلانى مەزگىلىدە خىتاينىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك ئېچىش دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
2011-04-22
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ دۆلىتىگە قايتقان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفقا ۋەدە بېرىپ، ئۆزبېكىستانغا 5 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش ۋە 1 يېرىم مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە ماقۇل بولغان.
2011-04-21
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە يېڭىدىن 400 نەپەر كوچا چارلاش ساقچىلىرىنى كۆپەيتكەن.
2011-04-21
ئۈرۈمچى پولات زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى رەيھانگۈل مەترېھىمگە 8 يىل بويىچە ئىش ھەققى كەم بېرىلگەن؛ ئۇ 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئىشىدىن توختىتىلغان.
2011-04-21
يەمەننىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھازىر 17 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، نامايىش باشلانغاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس توختىغان.
2011-04-21
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان 10 مىڭ خىتاي ياشنى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلماقتا.
2011-04-21
ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا «ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل مائارىپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى» نى ئېلان قىلدى.
2011-04-21
پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تۇنجى قېتىم «خىتاينىڭ خەلقئاراغا قىلغان ياردىمى» دەيدىغان ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كىتابتا خىتاينىڭ خەلقئارادا قىلغان ياردەملىرىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنىڭ غايىسى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاشكارىلانغان.
2011-04-21
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كۈچلۈك ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ئون كىشىلىك ھەيئەت خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتىنى داۋام قىلماقتا.
2011-04-21
لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلار پەيشەنبە كۈنى لىۋىيىنىڭ تۇنىس بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىر چېگرا ئېغىزىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2011-04-21
خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاي سەنئەتكار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەي ۋېيۋېينى قويۇۋېتىشكە چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتېرنېت تور بېكىتى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن كەلگەن خاككېرلىق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالدى.
2011-04-20
خىتاي 2001-يىلى ئەمگەك قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش ئىشتا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارغا ۋاقىتلىق ئىشچى ۋە دۆلەت ئىشچىسى دېگەن ئايرىمىچىلىق بىلەن پەرقلىق مىقداردا ھەق بېرىلىشىنى چەكلىگەن.
2011-04-20
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر دىققەت قىلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى، خىتاينىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.