ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-05-27
2009-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ تيەنجىن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى 28 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنى خىروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان.
2011-05-27
دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا نارازى بولغان موڭغۇل نامايىشچىلار قوشۇنى كۆپەيدى. بۈگۈن ساقچى دائىرىلىرى 30 نەپەر موڭغۇلنى تۇتقۇن قىلدى.
2011-05-27
خىتابنامىدە، يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئەرەب دۇنياسىنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى قوللاش تەدبىرلىرى بايان قىلىندى. بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ئىنكاسى ئىجابىي بولمىدى.
2011-05-27
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن سېرب قوماندان راتكو مىلادىچ پەيشەنبە كۈنى قولغا چۈشتى.
2011-05-27
شىمالىي ئافرىقا ۋە ئەرەب ئەللىرىدە پارتلىغان ئىنقىلاب فرانسىيىنىڭ دىيوۋىل شەھىرىدە باشلانغان ئىككى كۈنلۈك 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولدى.
2011-05-27
ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 3 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر ناھىيىدىكى 358 كىشىنىڭ 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2011-05-27
پرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئامېرىكىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەررىي لۇ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ۋەدە بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-05-27
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شېلىنغول ئايمىقىدىكى موڭغۇللارنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىشى بۈگۈن يەنە داۋام قىلدى.
2011-05-27
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ، خىتاي مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سودا توختامىغا ئېرىشىشىنى چەكلىدى.
2011-05-26
خىتاي دائىرىلىرى ليۇداۋان كۆمۈر كېنىنىڭ 8 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇنى ساياھەت، چېنىقىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش رايونى قىلىپ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.
2011-05-26
گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن گېرمان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىشىشكە قىزىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2011-05-26
نۇرۇنگۈل توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنى بۇلاپ قاچقان جىنايەت گۇماندارى ھازىرغىچە قانۇنىي جازاغا تارتىلمىغان.
2011-05-26
8 چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئەرەب دۇنياسىغا ھەم ئۈمىد، ھەم ئەندىشە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشتا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئورنى تىلغا ئېلىنمىدى.
2011-05-26
تۈركىيە-خىتاي كارخانىچىلار جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ 50 شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى تۈركىيىدىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرماقچى.