ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-22
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» جۈمە كۈنى خوتەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ۋەقە خوتەن يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىپ يۈرۈشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى ئوچۇق-يورۇق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2011-07-22
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 18-چېسلا خوتەن ناۋاغ ساقچى پونكىتىدا 14 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئالدىنقى كۈنى خوتەندە ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان.
2011-07-22
كانادا فېدىرال سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، «يۈەنخۇا ئەتكەسچىلىك ۋەقەسى» نىڭ باش گۇماندارى لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇشنى بۇيرۇغان.
2011-07-22
جۈمە كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 7 ئادەم ئۆلگەنلىكى، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. پارتلاش ۋەقەسى نورۋېگىيە نېفىت مىنىستىرلىقى ۋە باش مىنىستىرلىق بىناسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن.
2011-07-22
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتونغا يېقىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ش ج ئا ئە ئى نىڭ يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى» بارلىقىنى «ناھايىتى تەپسىلىي» ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
2011-07-21
قوش تىل ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىنى بىكار قىلىپ دائىملىق تەربىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان.
2011-07-21
دىنىي ئېتىقاد ھەم مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرگە قويغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى، تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى.
2011-07-21
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن ئابلەت ئابدۇرىشىت ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
2011-07-21
«شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسۇل بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت سىياسىتى يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2011-07-21
18-ئىيۇل كۈنى خوتەندىكى ساقچىخانىدا ۋەقە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ھازىر خوتەندە ئادەم تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەن.
2011-07-21
خىتاي پەيشەنبە كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئورتاق بىر قارارنامە ئىمزالىدى.
2011-07-21
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئاسىيا خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ھىندونېزىيە زىيارىتى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 11-ئايدا بۇ دۆلەتكە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2011-07-21
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆچ ئېلىش نىيىتى بىلەن ئىككى كىشىنى تاپانچا بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان مارك سترومان ئىسىملىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
2011-07-21
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىكى ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ «ئۇزۇن مەزگىل پىلانلانغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغان بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.