ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-12
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ھاۋالە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2011-07-12
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالائىن جۇپپې بۈگۈن فرانسىيە رادىئوسىغا بايانات بېرىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، كازافېي ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-07-11
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، رادىئونىڭ بىر قىسىم خادىملىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2011-07-11
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي مىللەت قېرىنداشلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.
2011-07-11
ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مەسئۇلى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىق تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2011-07-11
قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆز تېلېگراممىسىدا ئۇيغۇر تىياتىرى كوللېكتىپىغا، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىغا ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۇتۇقلار تىلىگەن.
2011-07-11
سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى 20 يىلغا يېقىن ئۇرۇشۇش نەتىجىسىدە، 2005-يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ، مەسىلىنى سۈلھى يولى بىلەن ھەل قىلىشقا قايىل بولغان ۋە ئۇرۇش توختىغان ئىدى.
2011-07-11
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلاردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى بىلەن ئابلەت ئابدۇرىشىت بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
2011-07-11
ئۇيغۇربىز توربېتىنىڭ، يۇرتلىرىدا تەتىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىشىچە، خاڭجۇدا ئوقۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 4-ۋە 5-ئايلاردا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.
2011-07-11
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى چېن بىڭدې ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. مانېۋىر شەنبە كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە تەرىپىدىن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىنىڭ برۇنىي تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
2011-07-11
خىتايچە ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئۆتكەن ئايدا 6.4% گە يېتىپ، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن.
2011-07-10
خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنى توپلاپ، خىتاي تىلىنى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.
2011-07-10
ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭ بىر مەيدان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇن نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان كۈنلەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ تاشقى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىپ، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
2011-07-10
ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئادمىرال مايىك مۇللىن يەكشەنبە كۈنى خىتايغا قاراتقان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.
2011-07-10
9-ئىيۇل كۈنى مالايشىيانىڭ كالا-لۇمپۇر قاتارلىق شەھەرلىرىدە تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتتىن سايلام ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى يۈزبەرگەن ئىدى.