ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-07-08
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2011-07-08
د ئۇ ق جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا قازاقىستان دائىرىلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋە ئۇنىڭغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.
2011-07-07
يېقىندىن بۇيان بەزى خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي دائىرىلىرىگە تەكلىپ بېرىپ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.
2011-07-07
مەشھۇر بىلىم ۋە ئۇچۇر تورى ۋىكىپېدىيادا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن ھازىرغا قەدەر 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان.
2011-07-07
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكىدا خەلق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى بېسىۋاتىدۇ.
2011-07-07
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، چەتئەللەردىكى موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
2011-07-07
7-ئىيۇل، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، 2009-يىلى 7-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايىشنى خاتىرىلىدى.
2011-07-07
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن2011-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇل «ئالپەرەن ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2011-07-07
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇل بوغاز كۆۋرۈكى ئۈستىدە كۆك بايراق لەپىلدىتىش پائالىيىتى.
2011-07-07
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىردى.
2011-07-07
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جياڭ زېمىننىڭ يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ، 1-ئىيۇلدىكى كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتنىشالمىغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
2011-07-07
خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى بىلەن ئېغىر سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
2011-07-07
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى چىن شاۋدۇڭ چارشەنبە كۈنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مىللىي كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بېنگازىدا ئۇچراشقان.
2011-07-07
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 7-ئاي تەتىل مەزگىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى «تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.
2011-07-06
بىر نەپەر ئۇيغۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بارغانچە بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر ئارقىلىق بايان قىلدى.