ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-10-23
ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئۇستاز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بوكس تېرىنېرى، مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەن سائەت 12 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە 54 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
2012-10-23
ئامېرىكا دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى مىت رومنېي، سەيشەنبە كۈنى كەچتە 3-قېتىم بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب باھارى، ئىران مەسىلىسى، ئىسرائىلىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تالاش-تارتىش قىلدى.
2012-10-23
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە بېيجىڭغا قاتنايدىغان ئۇچقۇر، تېز سۈرئەتلىك ۋە نورمال پويىز بېلەتلىرىنىڭ يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئىسمى بىلەن سېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2012-10-23
خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئۇيغۇر كورلا شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، خىتاي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە بىر ساقچىنى يارىلاندۇرغان.
2012-10-23
ئۇيغۇر بوسكچىلىقىنىڭ بەرپاچىسى، ئاتاقلىق بوكس مەشقاۋۇلى، «شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى» نىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت سەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولۇپ، ئۇيغۇر بوكس ھەيرانلىرىنى ئېغىر مۇسىبەت ۋە چوڭقۇر قايغۇغا سالغان.
2012-10-23
22-ئۆكتەبىر، گەنسۇنىڭ تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق گەننەن ئاپتونوم ئوبلاستىدا يەنە بىر تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2012-10-22
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەجىچىلەر مەككە مۇكەررەمگە يىغىلىپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. ھەج پائالىيىتى زۇلھەججىنىڭ8 ئى، يەنى چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق مۇھاجىرلار ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ناھايىتى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا ھەج قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2012-10-22
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن قورۇمىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلەش يولىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
2012-10-22
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-نويابىر خىتايدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن.
2012-10-22
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى بولغان كەچى ئۆرەن رايونىنىڭ چىچەكلى مەھەللىسىدە «ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى» قۇرۇلدى.
2012-10-22
بۇ يىل 10 ئاينىڭ 8-كۈنى ئاتۇش شەھىرىنىڭ توپا رايونى، يەنى تاجىكىستان چېگراسىدىكى 1-ئامبارغا ئوت كېتىپ، يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ مېلى كۆيۈپ كەتتى. ئوت ئاپىتى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىرنەچچە سائەت داۋاملاشقان.
2012-10-22
بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئالىملىرى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللىي ساپانى ۋە مىللىي روھنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئوينىدى.
2012-10-22
10-ئاينىڭ 20-كۈنى جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار ھەپتىلىكىگە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىمۇ قاتناشتى.
2012-10-22
خىتايدا بىر تۈركۈم تور ئەزالىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2012-10-22
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي پۇقراسى بولغان بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى، نېگىرىيىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن ئىدى.