ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-04-30
ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ نەزەربەندتىن قېچىپ چىققانلىق ۋەقەسى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
2012-04-30
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭغا ئامېرىكا تەرىپىدىن پاناھلىق بېرىلىش ئېھتىماللىقى قىياس قىلىنماقتا.
2012-04-30
بو شىلەي دېلوسىغا يەنە بىر سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزاسى چېتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ، خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق ئۇرۇشىنى داۋاملىق جىددىيلەشتۈرمەكتە.
2012-04-30
بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، سېرىق دېڭىزدا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان خىتاينىڭ 227 توننىلىق بىر بېلىقچى پاراخوتى، دېڭىزنىڭ كورىيە تەۋەلىكى بولغان ھېكسان ئارىلىدا پەيدا بولغان.
2012-04-30
خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان سىياسىي تەربىيە دەرسلىكى ئەسلىدە، خوڭكوڭدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئۆتۈلمەكچى بولغان بولۇپ، خوڭكوڭ مائارىپ كومىتېتى، بۇ پىلاننى يولغا قويۇشنى 2015-يىلىغا كېچىكتۈرگەن.
2012-04-30
5-ئاي، ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى قىلىپ بېكىتىلگىنىگە 30 يىل بولدى. ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى تەربىيىسىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 26-ئاپرېل كۈنى يەنە بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.
2012-04-30
25-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يەنە بىر قېتىم ئىجتىمائىي مۇقىملىق شوئارىنى توۋلىدى.
2012-04-30
ئىككىنچى قېتىملىق دانىيە ئەركىنلىك مۇكاپاتى يىغىنى ئۆتكەن ھەپتە دانىيىنىڭ كوپىنھېگان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇكاپات ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ياڭ جيەنلىگە بېرىلگەن.
2012-04-30
مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇپخانىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تارىخىي نادىر ئەسەرلەر ۋە قەدىمىي ئىسلامى كىتابلارغا باي ئىكەنلىكى بىلەن مەشھۇردۇر.
2012-04-30
بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى مەرھۇم ياقۇپھاجى ئېلىيوف ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ، مەرھۇمنى خاتىرىلىدى.
2012-04-29
يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي سۇدان پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي تەرەپ جەنۇبىي سۇدانغا 8 مىليارد دوللار قەرز بېرىشكە قوشۇلدى.
2012-04-29
بۇ يىل 1 - ئاپرىل كۈنى ئۆزبېكىستان تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىئالوگ داۋاملىشىپ، ئۆزبېكىستان ھەر مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى 264 دوللاردىن سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، 1 - ئاپرىل كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستاننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىۋېتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن تەبىئىي گاز كېلىئىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىراق، 16 - ئاپرىل كۈنى تاشكەنت بىردىنلا دۈشەنبە بىلەن قايتىدىن گاز تەمىنلەش كېلىشىمى تۈزۈشكە رازى بولغان.
2012-04-29
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «يەكشەنبە ۋاقتى» مەجمۇئەسىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يىل ئەنگلىيىدىكى ئەڭ باي ئادەملەرنىڭ رويىخېتىنى تۇرغۇزغاندا، بىر نەپەر ئۆزبېك بېيى، يەنى ئەلىشىر ئوسمانوف، ئەنگلىيىدىكى بۇ يىللىق ئەڭ باي ئادەملەر تىزىملىكىدە 2 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.
2012-04-29
شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەنتتە تۇرىۋاتقان ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېڭ نەزەربەنتتىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ قېچىسىغا ياردەم بەرگەن بەزى ئادەملەرنى تۇتۇپ كەتكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇجا تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ساقچىلار ئۇنىڭدىن ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنىڭ قېچىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى سورىغان.
2012-04-28
ئامېرىكىدىكى «جۇڭگوغا ياردەم» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.