ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-06-25
21 - ئىيۇن كۈنى بارلىق قازاقىستان مەكتەپلىرىدە ئۇچۇمكارلارنىڭ مەكتەپ بىلەن خوشلىشىش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى. شۇنداق پائالىيەت ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - ئۇيغۇر مەكتەپ - گىمنازىيىسىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2012-06-24
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېۋ رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ ۋالىسى گېئورگىي پولتاۋچېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە «بىز دائىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىگە پۇشمان قىلىمىز» دېدى.
2012-06-24
ئالدىنقى ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىسىردىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت شافىق بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسى سايلامغا چۈشۈپ، نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسىلا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئارقىدىن بۇ ئىككى ئادەم ئۈستىدە ئىككىنچى قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مورسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
2012-06-24
جۈمە كۈنى تۈركىيىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى سۈرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن سۈرىيە كرىزىسىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى، يەنى تۈركىيە بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، سۈرىيىگە قانداق ھەرىكەت قوللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
2012-06-24
رۇسىيە ھىندىستان ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ياساپ بەرگەن ھىندىستاننىڭ ئاۋىئاماتكىسى «ۋىكرامادىتسىيا» 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئوكيانغا كىرىپ، سىناق قىلىنماقتا. رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەسلى نامى «ئادمىرال گورشكوۋ» بولۇپ، بۇ ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى ئىدى. ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ زامانىۋى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھىندىستان ھازىر ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئاۋىئاماتكىغا ئىگە قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە مەملىكەتكە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاشقان.
2012-06-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە شىۋېتسيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىققا چاقىردى.
2012-06-23
ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەشكىلاتى - «پۇقرالار كۈچى» نىڭ 22 - ئىيۇن رادىئومىزغا يوللىغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 14 - ئىيۇن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايوندىكى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە تەشكىلات قۇرۇغۇچىسى ياڭ جەنلى بىلەن كۆرۈشكەن.
2012-06-23
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇيرۇق چىرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى قول ئېلىكىدىكى مال - بىساتى ۋە كىرىم مەنبەسىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.
2012-06-23
ۋيېتنام جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى چىقارغان «ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكى قانۇنى» نى ئاقلىدى ۋە خىتاينىڭ ئېتىرازلىرىنى «بىمەنىلىك» دەپ رەت قىلدى.
2012-06-22
جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى نەتىجىسى سۈپىتىدە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى بېكىتىلدى. ئاخىرقى قارار بۇيىچە مەركىزىي ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ۋاقىتلىق سېكرىتار جاڭ دېجاڭ رەسمىي تۈردە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولدى.
2012-06-22
خىتاينىڭ جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كارتى» ناملىق كارت تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2012-06-22
ئۇيغۇرلارنىڭ موللا بىلال نازىم، زۇنۇن قادىر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيۇپ، زوردۇن سابىر ۋە ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق نامايەندىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇر شۇنىڭدەك روزى تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللا ۋە پاشا ئىشان قاتارلىق يۈزلىگەن ئەدىب ۋە مۇزىكانتلىرىنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن ئىلى دەريا ۋادىسىدا 60 - 70 - يىللاردا بىر مەزگىل ھايات كەچۈرۈپ، ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ھاياتى ھەققىدە ھېكايىلەر يازغان ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ ئۈچۈن مەخسۇس كۇتۇپخانا قۇرۇلماقتا.
2012-06-22
خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي، ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيىلىك سودىگەر نېيل ھېيۋودنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.
2012-06-22
ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئەلچىسى كوفىي ئاننان، بۈگۈن يەنى جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، تەرەپلەرگە تەسىرى بار دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئىسيانچىلاردىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋلىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
2012-06-22
خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى نۇردۇن، «5 - ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان تۇرسۇنجان توختىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىدىن تېنىۋالدى.