ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-08-23
خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش ياساپ، مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغىمۇ ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش توغرىلىق بىر قاتار قارارلارنى ئالغان.
2012-08-23
تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىردى.
2012-08-23
يېقىندا تۈركىيە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تور بېتىدە، «چوڭايغان خىتاينىڭ كىچىكلىمىگەن مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تەتقىقات فوندىنىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى ھۈسەيىن راشىت يىلماز ئەپەندى يازغان.
2012-08-23
يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قوشنا قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ قايتتى.
2012-08-23
ئۆتكەن بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە مىسىردا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خەلقنىڭ ئۈستىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەسكەر ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى.
2012-08-23
خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا قەشقەرلىك خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھېمىتنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ داۋاملىق ئەرز قىلغان ۋە بېيجىڭدىن ئادۋوكات تۇتقان ئىدى.
2012-08-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلىدىغان سەرگەردان ئۆسمۈر بالىلارنى يىغىۋېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى 22-ئاۋغۇست رەسمىي ئىش باشلىغان.
2012-08-23
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، تىبەتلىك راھىبە تەنزىن ۋاڭمونىڭ 2011-يىلى 10-ئايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنى رەسىمگە تارتىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يوللىغان تىبەتلىك راھىب يونتەن گياتسۇنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2012-08-23
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەت مۇرسىنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-08-23
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باب كار چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقى ۋە خىتايدىن ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2012-08-22
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 50% تىن ئاشىدىغان جايلاردا «ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەخسۇس پىلانلىق تۇغۇت مەبلىغى ئاجراتتى.
2012-08-22
ئۆكتىچى يازغۇچى خاۋ چۈن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئۇزۇن يىللىق مېڭە يۇيۇش مائارىپىدا يېتىلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراشنىڭ تولىمۇ ساددا، بىر تەرەپلىمە قاراشلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2012-08-22
تۈركىيە يازغۇچىسى مەمەت لەۋەنت قايا ئەپەندى يازغان «چۆلدىكى ئوپېرا» ناملىق رومان ئىستانبۇلدىكى «قۇتۇپيىلدىزى» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
2012-08-22
يېقىندىن بۇيان ياپونىيە-كورىيە،ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ توغرىسىدا ھەر-خىل ئانالىز ۋە مۇھاكىمىلەرنى ئېلىپ بارماقتا.