ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-17
تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.
2013-12-17
ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدۇر.
2013-12-17
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ھەيئەتلىرى سايلام پائالىيىتىگە نازارەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قېلىش مەقسىتى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن د ئۇ ق ۋەكىللىرى مەزكۇر سايلام پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
2013-12-16
تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 15-دېكابىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
2013-12-16
لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇھەجەر ئابلا، ياتاق بىناسىدىن ئارقانغا ئېسىلىپ چۈشۈش داۋامىدا يىقىلىپ ئومۇرتىقىسى زەخىملەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن.
2013-12-16
15-دېكابىر گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئۇلار خېلىدىن بېرى تور يۈزىدە ئېلان بېرىپ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېگىشلىك ۋەزىپىلەرگە نامزات قىلىپ كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2013-12-16
قازاقىستان، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ مۇھىم ماكانلىرىدىن بىرى. بۇ دۆلەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بىر قىسىم تارىخىي ھېكايە فىلىملار ۋە ھۆججەتلىك فىلىملار ئىشلەنگەن ئىدى. يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورلىرى، پرودىيۇسسورلىرى ۋە ئارتىسلىرى يېڭى ھېكايە فىلىم ئىشلىدى.
2013-12-16
ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 14-15-دېكابىر كۈنلىرى ئارقا-ئارقىدىن سايلام ئۆتكۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى. بۇ تەشكىلاتلاردىن بىرى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدۇر.
2013-12-16
دىپلومات كىتادا كابۇلدىن ياپونىيەگە يوللىغان 125 نومۇرلۇق مەخپىي تېلېگراممىدا «مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ، 35 ھەمراھى بىلەن لاداققا كېلىپ، ئۇ يەر ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى سرىناگار شەھىرىگە بارغان» دېيىلگەن.
2013-12-16
ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن روشەن ئابباس خانىم يېقىندا ئۆزى ئىشلەپ كېلىۋاتقان شىركەتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى بەزى ئىشلىرىنى بېجىرىش مەقسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ئىدى.
2013-12-16
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 15-دېكابىر كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاتاقلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ئەدەبىيات، سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.
2013-12-13
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-12-13
خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكەتكە تېررورلۇق ماركىسى چاپلاش تاكتىكىسى رىقابەتكە ئۇچراشقا باشلىدى.
2013-12-13
كابۇلدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىسى كىتادانىڭ 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى توكيوغا يوللىغان مەخپىي نۇمىرى 29 لۇق تېلېگراممىسىدا « مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ياۋروپا تىللىرىدىن خەۋەرسىز، ئەمما ئۇ، پارس، تۈرك تىللىرىغا مۇكەممەل. ئۆزى بولسا ئادىل، سەمىمىي، راستچىل ۋە ئۆز يۇرتىنى سۆيىدىغان ئادەم» دېيىلگەن.
2013-12-13
2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - ۋە 8 - كۈنلىرى قاتار دۆلىتىنىڭ پايتەختى دوھا شەھىرىدە «خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» نىڭ 5 - قېتىملىق چوڭ يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەخسۇس قارار ئېلان قىلىندى.