ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-13
ھازىر دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرگە قارىغاندا، ئانالىزچىلار ئافغانىستاننىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئەتراپىدا جىددىي بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتماقتا.
2013-12-13
بىرقانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر تورلىرىدا لەنجۇ پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان بۇھەجەر ئابلانىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ ئومۇرتقىسى زەخىملەنگەنلىكى، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە جىددىي موھتاجلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇراجەتنامىلەر تارقالدى.
2013-12-12
دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ يىل 15-دېكابىردا ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى ۋە ئۇنىڭغا پۈتۈلگەن قەدىمكى يېزىقلارنىڭ سىرى يېشىلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىق خاتىرىسىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
2013-12-12
ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان قىزىنى يوقلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق ئاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىبلەش تەدبىرلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
2013-12-12
11-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يايمىچىلار بىلەن خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇش بىرقانچە كىشىنىڭ يارىلىنىشى ۋە قاتناشنىڭ بىرقانچە سائەت توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2013-12-12
10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق سۈپىتىدىكى بىر كۆك چېدىر تىكىلدى.
2013-12-12
ئۈچ كۈندىن بېرى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 12-دېكابىر كۈنى ئوقان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
2013-12-12
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت ساليېف ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق يورۇق، ئەپۇچان ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلايلى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
2013-12-12
12-دېكابىردا ئالماتانىڭ يازغۇچىلار ئۆيىدە ئاتاقلىق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىياس ژانسۈگۈروف نامىدىكى مۇكاپاتى ۋە مۇستەقىل «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دولقۇن ياسىننىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-12-11
1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قايتا ئويغىنىشقا باشلىغان مىللىي روھ ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشى يەنى 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ستۇدېنتلار ھەرىكىتى» ئارقىلىق ئىدىيىدىن رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
2013-12-11
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي كومىتېتى چارشەنبە كۈنى 2013-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىغا باھا بەردى.
2013-12-11
توكيودا ساقلىنىۋاتقان مەخپىي تېلېگراممىلار ئىچىدە كابۇلدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا ئۈچ يېرىم يىل باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دىپلومات كىتادانىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يوللىغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېلېگراممىلارنىڭ ئۆزىلا مىڭ پارچىدىن ئارتۇق.
2013-12-11
بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان گوللاند تىلى كەچ كۇرسى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىدى. كۇرسانتلاردىن بەزىلىرى بۇ كۇرستا ئالغان مەنپەئەتلىرى بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-12-11
2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق كۈچلەر ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئافغانىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان خەلقئارالىق يىغىن يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى.
2013-12-11
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتېئىزم يەنە دىنسىزلىق پەلسەپىسىگە زورلاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى، ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بار بارلىقىنى بىلدۈردى.