ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-12-10
ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي-جاي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئايرىلىپ قېلىشى نۆۋەتتە يەر مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
2013-12-10
بۈگۈن 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.
2013-12-10
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى، بۇلاڭ-تالاڭغا قارشىلىق كۆرسىتىشى بولسا مۇقىمسىزلىق دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. «مۇقىملىق» نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا سەزگۈر ۋە ئەنسىز بىر چاقىرىق بولسىمۇ، سىرلىق بىر چاقىرىق ئەمەس.
2013-12-10
ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «كۈنىمىزدە ئىنسان ھەقلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى قاتتىق ئەيىبلەندى.
2013-12-10
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 10-دېكابىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىككى سائەت نامايىش ئېلىپ باردى.
2013-12-10
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان پايناپ يېزا تەۋەسىدىكى ئالتۇنلۇقتا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان.
2013-12-10
ئالماتادىكى ئەڭ چوڭ بازارلارنىڭ بىرى-باراخولكىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتسىمۇ، ئۇنىڭدىن زەرداب چەككەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتىكى كۈنىدىن قاتتىق قايغۇرماقتا.
2013-12-09
10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى. بۇ يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى قاتتىق كەسكىنلىشىپ، تيەنئەنمىن ھۇجۇمى، سېرىقبۇيا ساقچىخانا ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.
2013-12-09
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزا شورۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ياشانغان كىشى ئابدۇرېھىم قارىنىڭ ئۆي-جايلىرىنىڭ مەجبۇرىي چېقىلىپ ئائىلە بويىچە خانىۋەيران بولغانلىقى مەلۇم.
2013-12-09
بالىلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق ئىنكاسى شۇكى، «بۇ جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ كۈچى پەقەت دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنى كونترول قىلىشقا قارىتىلغان بولغاچقا، بالا ئوغرىلىرىغا پۇرسەت يارىتىلماقتا...»
2013-12-09
ئۆتكەن ھەپتە خوتەن كېرىيە ناھىيىسى ئارال يېزىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «روپاش ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت كۇرسىغا قاتنىشىش ئۇقتۇرۇشى» ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2013-12-09
1948-يىلى ماقۇللانغان ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ئىكەنلىكى، ئىنسانلارغا قارىتا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشقا، يامان مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان.
2013-12-09
كاگوشىمادىكى كاتولىك دىنىنىڭ زابېر چېركاۋسىدا، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ۋاتىكاننىڭ باش روھانىسى جوسېف چېننوتھغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان يازما دوكلات رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
2013-12-09
مەلۇمكى، بالا تەربىيىلەش ئىشى قىيىن ۋە شەرەپلىك خىزمەتتۇر، بولۇپمۇ بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېخىمۇ قىيىن ۋە تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.
2013-12-08
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 6 - دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.