ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-11-29
4 يېرىم يىلدىن بۇيان غايىب ئوغلى ئەيساجان ئەمەت ھەققىدىكى دەرت-ئەلەملىرىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي ئولتۇرغان تۇرسۇنگۈل خانىم، فىرانسىيەلىك مۇخبىرنى ھەم خۇشاللىق، ھەم دەرد-ئەلەمدىن پارتلاپ چىققان يىغا-زارە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.
2013-11-29
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-11-29
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا زور مىقداردىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان خىتاينىڭ جۈنكۇن شىركىتى 2006-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ 500 مو يېرىنى مەجبۇرى ئېلىۋالىدۇ.
2013-11-29
ئىدىقۇت ئاسمىدا چاقنىغان ئەركىنلىك، مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنىڭ ئاخىرىقىسى، مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىۋاتقان بىرىدىن - بىر ئوغلى، پىشقەدەم زىيالىي، مائارىپچى ئىبراھىم مۇھىتى مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2013-11-29
قىرغىزىستان دۆلەتلىك مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس بولۇمىدە باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتقان پولكوۋنىك مالىك سىدىقوف بادالوف يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان ئارمىيىسىدە، دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ قىرغىزىستان دۆلىتىگە كۆپ ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.
2013-11-28
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا «سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش» شەرتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان.
2013-11-28
ھازىر بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 91 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1943-يىلى ئىنقىلاب باشلانغاندىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن بىرى.
2013-11-28
2013-يىلى27-نويابىر كەچ سائەت 10 دا، قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا، «خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ بېرما ۋە ئانگولادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق مەخسۇس پروگراممىغا دەۋەت قىلىنغان ئىدى.
2013-11-28
تۈرك دۇنياسى ياش كارخانىچىلار يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. 25-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.
2013-11-28
يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن ئەسقەرجان، ئىلھام ماھمۇت ۋە دولقۇن ئەيسالار كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ يەردىكى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.
2013-11-28
ياپونىيە ھوكايدو ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئاكىرا فۇجىمونىڭ «خىتايدىن نەپرەتلىنىش دەۋرىدىكى خىتاي نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.
2013-11-27
ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ب د ت نى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2013-11-27
سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ب-52 تىپلىق ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بوشلۇقىدىكى «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى» غا بىمالال ئۇچۇپ كىرگەن.
2013-11-27
جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنى جەريانىدا د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، بەزى دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى.
2013-11-27
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا، رۇسىيىدىن، تۈركىيەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.