ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-02-26
ھازىر خىتايدا پاسپورت ئېلىپ، چەتئەللەرگە ئەركىن ساياھەتكە چىقىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى يەنىلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر تەشكىل قىلىدىكەن.
2013-02-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ 19-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە فرانسىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇلار داڭلىق ژۇرنال، گېزىت ھەم تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
2013-02-26
دوكتور ئەركىن ئەكرەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە غەرب ئەللىرى بىلەن ئىمزالاشقان سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك كېلىشىمىگە زىت كېلىدىغانلىقىنى مىسال قىلىپ، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىدى.
2013-02-26
«ياش تۈركىستان» مەجمۇئەسى 1929-يىلىدىن باشلاپ پارىژدا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ئورتاق تۈركى تىلىدىكى سىياسىي، تارىخىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي خاراكتېردىكى ئايلىق ژۇرنالدۇر.
2013-02-26
ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك تەيۋەنلىكلەرنىڭ تەشكىلاتى بولغان تەيۋەن مۇستەقىللىقى بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى توكيودا 28-فېۋرال تەيۋەن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
2013-02-25
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-مارت كۈنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئەرزدارلار نازارەت ئوبيېكتى قىلىنغان. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىق زىيالىيلارمۇ نەزەربەند قىلىنغان.
2013-02-25
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جانابلىرى 21-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى. شىنزو ئابې 22-فېۋرال ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبا بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى، رايون بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2013-02-25
ئەرمىنىيە تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى خوجالىدا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نامايىش ئارقىلىق خاتىرىلەندى.
2013-02-25
بىزگە كەلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن بىر قىسىم كۆچمەن خىتايلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.
2013-02-25
كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇملارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
2013-02-25
قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر جامائىتى تالانتلىق مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىيات-سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
2013-02-25
مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دائىم باشقا مەملىكەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يەر بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالاش ھەم شۇلارنىڭ ھېسابىغا بېيىش، ئاھالىسىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش، خورلاش، ئېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى ياخشى مەلۇمدۇر.
2013-02-22
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر، كەچۈرمىشلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئاخباراتقا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى، ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى كۆپ قېتىملاپ قوبۇل قىلغاندىن باشقا، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە بۆشۈن قاتارلىق خىتايچە خەۋەر تورلىرىنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ كەلگەن.
2013-02-22
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى خۇ جيا باشچىلىقىدا بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنىڭ 22 - فېۋرال بېيجىڭدا نامايىش قىلىپ، يېقىندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش قۇرۇلتىيىغا ئەرزدارلاردىنمۇ ۋەكىل قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2013-02-22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ 19 - چېسلا فرانسىيىدە باشلانغان پائالىيىتى بۈگۈن ئاياغلاشتى.