ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-02-18
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي رايونلىرىغا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى مەكتەپلىرىدە يېقىندا ئىككىنچى مەۋسۇملۇق دەرس باشلانغان بولۇپ، بۇ مەۋسۇم 4 ياشتىن 6 ياشقىچە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 120 نەپەر ئوقۇغۇچى دەرسكە قاتناشتى.
2013-02-18
2-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ياپونىيىنىڭ قەدىمكى پايتەختى كيوتودا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
2013-02-18
17-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتىكى مەركىزى كۆرگەزمە زالىدا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى سابىت باباجانوفنىڭ بالىلارغا بېغىشلانغان رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-02-18
1981-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلار زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
2013-02-18
كېيىنكى ۋاقىتلاردا، خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل ۋە مەخسۇس تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ قازاقىستاندا بارا-بارا كۆپىيىشى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2013-02-17
ئۆتكەن ئايدا ئالجىرىيىنىڭ شەرقىدىكى بېنزىن شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ياپونىيە گاز شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن 17 نەپىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر ۋەقەدە ئون نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دەرھال ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۇزۇكىنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئالجىرىيىگە ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە،ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىتىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.
2013-02-17
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،500 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەقسىتىنىڭ بۇ ساننى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2013-02-17
2010 - يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبى بىلەن بېلارۇسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان سابىق قىرغىز پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ سوتتا گەرچە باقىيېف ئۆزى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن دۆلەت رەھبىرىلىك مەنسىپىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مەملىكەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلغان.
2013-02-17
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چوڭجۇ شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 17 - فېۋرال كۈنى ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، خې جيەنگۇ ئىسىملىك مەزكۇر ئەمەلدار چوڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
2013-02-17
شەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ھازارا شىيە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 81 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ناۋاب زۇلفىقار ماقسى پاكىستان خەۋەر ۋاسىتىلىرىگە بايانات بېرىپ، بىخەتەرلىك ساھەسىنى تەنقىد قىلغان.
2013-02-16
ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى - FaceBook جۈمە كۈنى خىتاي مەنبەلىك توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقنى بىلدۈردى.
2013-02-16
خىتاي ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا چاغان خاتىرىلەش جەريانىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىدە 36 ئادەم ئۆلگەن.
2013-02-16
جۈمە كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورىيىگە قارىتىلغان چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
2013-02-15
5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى غايىپلاردىن ئىماممەمەت ئەلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، 4 يىلدىن بېرى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىنىڭ پار پۇلىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سوتقا چاقىرىلغان.
2013-02-15
ئاقسۇۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بەش كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نېمېلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟