ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-02-14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق، دىن مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىنى قوغداشتا ئائىلىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
2013-02-14
12-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى» تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ،2-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىق قىلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنىش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
2013-02-14
مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى 14-فېۋرال ئېلان قىلغان 2012-يىللىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-02-14
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-فېۋرال چارشەنبە كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسى جەنۇبىي گەنسۇ تىبەت ئوبلاستىغا قاراشلىق ئاچوك يېزىسىدىكى درۇكپا كخار ئىسىملىك 26 ياشلىق بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.
2013-02-14
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ۋىجدان» تەخەللۇسىدىكى مۇسۇلمان تورداشنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ سىننا تور بېكىتىدىكى مىكرو بلوگىدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ھەج خىراجىتى ھەققىدىكى يىللىق چىقىم ۋە ئېرىشكەن پايدىنى ئېلان قىلسۇن» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
2013-02-14
ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرى 15-فېۋرال كۈنى تور بېكىتىدە خەۋەر بېرىپ، خوڭكوڭ «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەرجىمانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىرخەمىتجان مۇزەپپەر ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى، يېقىندا ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-02-13
خوڭكوڭ«سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيە قانىلى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، ۋۇخەن، شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە مۇخبىرلىق ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىتايدا پروگرامما تارقىتىشىغا يول قويۇلغان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى. بىراق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىغا تەرجىمانلىق قىلغان مىرھامىتجان مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
2013-02-13
خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بېيجىڭدىن ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
2013-02-13
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ بەشىنچى ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2013-02-13
ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ياپون شىركىتىنىڭ دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ياماگۇچى مۇستافا ئىسىملىك ياپون 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوتتۇرا شەرقتە ياشاۋاتقان ياپونلارنىڭ تور بېتىدىن بىرى بولغان ياپونچە «ياپون مۇسۇلمان دوستلار» تور بېتىدە ئۆزىنىڭ يېقىندا جىددىدىكى خىتاي كونسۇلخانسىنىڭ چاغانلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان تەسىراتىنى بايان قىلغان «بەيتۇللاھغا يىراق، خىتاي كونسۇلىغا يېقىن ئۇيغۇرلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى بىلەن مەزكۇر تور بېتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئاپتورنىڭ ماقالىسى ھەققىدىكى مۇنازىرە تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا.
2013-02-13
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە كېچىسى تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ئاختۇرۇشى ۋە ئادەم تۇتۇشى داۋاملاشماقتا.
2013-02-13
1955 - يىلى 4 - ئايدا شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللارنى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان پاھىشە ئاياللاردىن 920 نەپىرى ئالاھىدە ھەربىي قىسىم قىلىپ تەشكىللىنىپ خىتاي «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ فورمىسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم.
2013-02-13
بىر ئۆمۈر ۋەتەن ئىشقىدا كۆيگەن، ياشلىقىدا دۈشمىنىنىڭ كۆكسىگە زۇلپىقار بولۇپ ئۇرۇلغان، كېيىنكى ھاياتىنى قەلەم كۆرىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەسۇمجان زۇلپىقار گەرچە ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىماسى ۋە ئاۋازى بىزگە مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ قالدى.
2013-02-13
مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ يارىشىملىق شەكىلدە ساقال قويۇشى ۋە ئاياللارنىڭ بېشىنى يۆگەپ ھىجابلىنىشى مۇسۇلمانلارغا خاس كىيىنىش ئەنئەنىسى بولۇپ، ساقال قويۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى، ھىجاب قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمان ئاياللارغا بەلگىلەنگەن پەرزدۇر.
2013-02-13
ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق دوختۇرخانا دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇشنى چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.