ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نىسبىتىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قېلىشى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.
2013-04-09
8 - ئاپرىل كۈنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىق خاتىرە كۈنىدە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، 87 ياشلىق ئىبراھىم قاسىموف بىشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولدى.
2013-04-09
6-ئاپرېل كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ساپپورو شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەت ياپون مىللەتچىلىرىنىڭ تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.
2013-04-08
خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى تاۋيۈەن ناھىيىسىدە 13-14-ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ -ئادەت ۋە مىللىي خاسلىقىنى قانچىلىك ساقلاپ قالغانلىقى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا مەلۇم ئەمەس.
2013-04-08
8-ئاپرېل كۈنى 1945-يىلى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيىنىڭ خاتىرە ۋە ھەربىي بايرام كۈنىدۇر. بۈگۈن، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 68 يىل توشتى.
2013-04-08
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 20-ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىن قاچقان، جاڭ خۇزى باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك قارا گۇرۇھ جىنايەتچىلەر، نۆۋەتتە ئىلى تەۋەلىكىگە قېچىپ كېلىپ داۋاملىق تۈردە ۋەھشىي جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2013-04-08
بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىككە چاقىرىلدى.
2013-04-08
7-ئاپرېل كۈنى مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.
2013-04-08
بۇ يىل، 1990 يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كۆتۈرۈلگەن بارىن قوراللىق قوزغىلىڭىغا 23 يىل بولغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ خاتىرە كۈن ۋە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى داۋام قىلدى.
2013-04-08
بۇنىڭدىن 23 يىل ئىلگىرى يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بارىن يېزىسىدا، 300 دىن ئۇيغۇر ياشلار تەشكىللىنىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلغان ئىدى.
2013-04-08
قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى بىشكەك شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى دۇنياغا كەلگەن مىللىي ئارمىيىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2013-04-05
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكى بولغان مەسىلىلەردە جامائەت پىكرى شەكىللىنىپ، تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر ئۆرنىكى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆرۈلدى.
2013-04-05
ئەرز قىلىش دېگەن بۇ سۆز ئەسلى لۇغەت مەنىسىدىن قارىغاندا، قەغەز-قەلەم ۋە سۆز بىلەنلا داۋام قىلىدىغان، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ياكى سوت مەيدانىدا خۇلاسىلىنىدىغان ھەق تەلەپ قىلىش ئارزۇسىدىكى بىر قانۇنىي ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ.
2013-04-05
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 5 - ئاپرىل بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقى» نى خاتىرىلەش ۋە شېھىتلەر روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش سۆھبەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-04-05
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ستوكھولمدىكى ئىككى چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتىدىن باشقا يەنە قىزىقىشى ۋە ياش پەرقى بويىچە تۈرلۈك مەشرەپلەرگە ئۇيۇشۇپ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.