ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-04-03
ئۆتكەن يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستېۋەن خارپېر خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ئۇنىڭغا كانادا-خىتاي دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۈشۈك ئېيىق ئېرشۇن بىلەن داماۋنى سوغا قىلغان ئىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى بۇ سوۋغىنى «مۈشۈك ئېيىق دىپلوماتىيىسى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
2013-04-02
چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەن خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى يېڭى بىر ئەھۋال بولمىسا كېرەك.
2013-04-02
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلەر قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلەر، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىمەكتە.
2013-04-02
ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە «بۇلبۇلقارىم» دەپ نام ئالغان مەشھۇر دىنىي زاتلىرىمىزدىن ئابلەت قارىھاجىم 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەر ئايرودرومى بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى يولدا ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئەتىگەن سائەت 8:30 مىنۇت ئۆتكەندە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
2013-04-02
كۆرنەكلىك شائىر ۋە يازغۇچى رەھىمجان روزىيېف كىچىك چېغىدىنلا شېئىر يېزىشقا، رەسىم سىزىشقا قىزىققانلىقتىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىد كۈتكەن ئىدى. ر. روزىيېف دەسلەپ توققۇزتارا باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ئاندىن غۇلجىدىكى چولپان ۋە ئۈمىد مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
2013-04-02
ياپونىيىدە تونۇلغان ژۇرنالىستلاردىن ئىشى ھىرويۇكى ۋە ئىشى كىمىكو قاتارلىقلار ياپونىيە يوسېن نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنغان «تۆمۈر سىملىق توسۇقلارنىڭ تارىخى» ناملىق سەككىز باب، 286-بەتلىك كىتابىدا تۆمۈر سىملىق توسۇقلارنىڭ دۇنيادا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە توختالغان.
2013-04-01
ئوت كېتىپ كۈلگە ئايلانغان تۇرپان شەھەر مەركىزىدىكى «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» دا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكاندارلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيتتى.
2013-04-01
شۋېتسىيىنى ئاساس قىلغان سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر يىللىق چوڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
2013-04-01
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىللىق نورۇز پائالىيىتى ئىستىقلال مارشى ئورۇنلاش ۋە دىنىي زاتلارغا تون كىيدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
2013-04-01
30-مارت شەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى ۋە جاسۇسلۇق گۇماندارلىرى شۇنداقلا جاسۇسلۇقنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكۈمى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.
2013-04-01
31-مارت كۈنى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك خەلق ئانسامبېلىيىسى زالىدا قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو، تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ ساداسى ناملىق ئۇيغۇرچە رادىئو ئاڭلىتىش بۆلۈمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
2013-04-01
توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى يىغىلىش ۋە نامايىش پائالىيىتىگە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت قاتنىشىپ، سۆز قىلغان.