ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-08-31
300-400 نامايىشچى خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان «خانئېرىق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپ خانئېرىققا بارغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان.
2013-08-31
قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن 20 - ئاۋغۇست قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر يېزا ۋە ئۇنىڭ بىلەن چېگرىداش يېزىلاردا بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ئىچىدە چوڭ - كىچىك بولۇپ ئاز دېگەندە 4 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2013-08-31
ئۇيغۇر ئېلىدە «ئانا تىل مائارىپىنى» نى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» مۇدىرى مۇھەممەد سىدىق ۋە قانۇنىي ۋەكىلى دىليار ئوبۇل ئەپەندىلەرنى «قانۇنسىز ئىئانە يىغىش جىنايىتى» بىلەن تۇتۇپ كەتكەن.
2013-08-31
خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 127 ياشلىق خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى ئالمىخان سېيىتنىڭ ئانىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا جىنس رېكورتىغا ئۆزىنى ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان.
2013-08-31
يېقىندا گوللاندىيەگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتايلار كېچىك بالىلارغا يېگۈزۈۋاتقان ئەملەش دورىلىرىنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەكس تەسىرى بارلىقىنى تۇيۇپ قالغان ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
2013-08-30
ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2013-08-29
خىتاي ساقچىلىرى ئالدىنقى كۈنى يىلقىچىنىڭ 9- ۋە 7-كەنتىگە بېرىپ توختىمىتاخۇن ۋە سېيىت مەمەتخان ئائىلىسىدىن DNA سىنىقى ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئېلىشى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىر قىسمىنىڭ كىملىكىنى تېخىچىلا بېكىتەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
2013-08-29
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغانلار ئىچىدە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئاشكارىلانغان سانى 30 دىن ئاشىدۇ.
2013-08-29
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى «مىللىي زىددىيەت ئۇرۇقى چاچتى»، «مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارغا دىنىي تەلىم بەردى» دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ، 5 يىلدىن 10 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى.
2013-08-29
مەركىزى قەيسىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە 22 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ۋەقەگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2013-08-29
كۈنچىققانبەگ-لوپنور مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى، تەكلىماكاندا تىنىقى ئۆچكەن سىرلىق بىر كۆچمە كۆلنىڭ پاسىبانى شۇنداقلا لوپنورلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاقساقالى.
2013-08-29
مۇھەممەد ئەل بىلتەجىنىڭ رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدىكى قەتلىئامدا مەرگەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق قىزى ئەسماغا يازغان خېتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خەت تۈركىيەدە پۈتۈن ئاخباراتلارنىڭ قىزىقىش تېمىسىغا ئايلاندى.
2013-08-28
قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى چۆللۈكتە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دەپ قارىلىپ ئېتىلغان ۋە تۇتۇلغان 26 كىشىدىن 6 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، كىملىكى ئاشكارىلانغان بۇ 6 كىشىدىن بىر نەپىرى يىلقىچىدىن، قالغان 5 نەپىرى يىلقىچىغا قوشنا بولغان يېزىدىن.
2013-08-28
ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «مەتبۇئاتلىرى ئۇچۇر ئاشكارىلىمايدىغان خىتاي، كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە» ناملىق سىياسىي ژۇرنالنىڭ بۇ پەسىللىك سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا خىتاي، كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.
2013-08-28
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئارگىنجىق شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قەيسەرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت مەيدانىدا «ھەق، ھوقۇق ۋە ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.