ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-02
2014 - يىلنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتلىرىدە دائىرىلەر ئاتالمىش ئوچۇق سوت ئېچىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىش، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىنكى تەكشۈرۈش - تۇتقۇن قىلىش يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.
2015-01-02
ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دىيارباقىردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
2015-01-02
1 - يانۋار توكيودىكى ياسۇكۇنى مازارلىقى ئالدىدا ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىچكىي موڭغۇل ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
2015-01-02
يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاسپورتسىز چەتئەلگە چىقىش دولقۇنى ئەۋجگە چىققان بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن ھىجرەت تەشۋىقاتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى يەر - ماكانلىرىنى، قولىدا بار ھەر نەرسىسىنى سېتىپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن.
2015-01-02
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرىنى ئەسلىتىپ ئوتىمىز.
2015-01-01
31-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى فايرفاكس رايونىدا جەم بولۇپ 2015-يىلىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
2015-01-01
سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان دىن بىلەن سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يېتەكلىشىگە ھاجىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2015-01-01
تۈرمە دائىرىلىرى 2015-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئۇنى يوقلىشىغا ۋە كىيىم-كېچەك ئەۋەتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇش قىلغان.
2015-01-01
ياپونلار يېڭى يىلنى ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسىدا قۇتلىشىدۇ. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار بولسا، بىر يەرگە توپلىشىپ، ھەر-خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، يۇرت ماكانلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئۆگىنىش، تەتقىقات، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدۇ.
2015-01-01
قازاقىستاندا كۆپلىگەن تالانتلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلىرى، مۇقامچىلىرى يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار باشقا مەملىكەتلەردىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى نۇرئالىم ۋارىسوفتۇر.