ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-11-03
ياۋرۇپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولغان «ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۇ يىل 25 يىل تولدى. بۇ 25 يىلىق مۇساپە گېرمانىيەدە خاتىرىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
2015-11-02
بۇ يىل 5-ئايدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزلىرىنىڭ دېھقانلارنى ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن توسۇش ئۈچۈن ھاشارغا سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
2015-11-02
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەينى چاغدا تۇنجى بولۇپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا مۇنبىرىدە دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
2015-11-02
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا 13 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن پارلامېنت سايلىمىدا 317 پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ، قايتىدىن ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
2015-11-02
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، جەمئىيەتتە مەلۇم ئورنى بار، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن خەۋپ دەپ قارالغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئايرىپ تاشلاشتەك نەيرەڭلەرنى ئىشلەتمەكتە.
2015-11-02
1-نويابىر كۈنى ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر سورۇنغا جەم بولۇپ، مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2015-11-02
ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن، مەشھۇر قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور تاكائو مورىياسۇنىڭ «شەرق-غەرب ئۇيغۇرلىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخ تەتقىقات كىتابى يېقىندا نەشر قىلىندى.
2015-11-02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2-نويابىر ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باشلىقى جاۋ شىنۋېي 3 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پرىنسىپال مەسىلىلەردە سۆز -ھەرىكىتى مەركەز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەك بولمىغان، دەپ تەنقىد قىلغان.