ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-11-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
2015-11-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا قارار چىقىرىپ، رايوندا يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىردەك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2015-11-09
4-نويابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستان ئۇيغۇر يىگىت باشلىرىنىڭ يىللىق ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2015-11-09
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرچە رومانلار تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنماقتا. بۇ يىل تونۇلغان يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئىپارخان» ناملىق تارىخى ئەسىرى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ئىدى.
2015-11-06
ئاۋسترىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى 2015-يىلى 10-ئايدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسى بويىچە دوكتۇرانتى ئېدېن جېفنىڭ «خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ھاياتى» ناملىق تۇنجى يىرىك ئەسىرىنى نەشر قىلدى.
2015-11-06
ئىلھام توختى ئەپەندى «ئۇيغۇرلىرىمىز بولسۇن، ياكى قايسى مىللەتتە بولسۇن، مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك بىر مىللەتكە قارىتىلماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق ئىشتا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.
2015-11-06
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ ئۇچرىشىشنى بەزى كۆزەتكۈچىلەر بىر سايلام ئويۇنى، دەپ قارىسىمۇ، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
2015-11-06
28-ئۆكتەبىردە قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ 6-يىغىنىغا ئەزا بولۇپ سايلانغانلار ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى مەجلىسىدە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىگە سادىقلىقى، ئاساسىي قانۇن، خەلق مەنپەئەتى ۋە ئەلنىڭ مۇستەقىل، پۈتۈنلۈكىنى قوغداش توغرىسىدا قەسەم بەردى.
2015-11-06
قەشقەردە چاقىرىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» يىغىنىدا 2020-يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ۋە چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2015-11-06
شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى ياۋروپاغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەگە مەركەزلەشكەنلىكى سەۋەبلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-11-06
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-11-05
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «قىزىل تەشۋىقات چولپىنى» دەپ تەرىپلەنگەن قۇربان ئۆمەر بۈگۈن ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ قايراق كەنتىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2015-11-05
2013-يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازىرىدا قارا-قويۇق ئادەم تۇتقان ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئون نەچچە كىشى ئۆلگەن ۋە 50 نەچچە كىشى يارىلانغان.
2015-11-05
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇچا ناھىيىسىدە بىر ھەپتە داۋام قىلغان يەرلىك تەشۋىقاتچىلاردىن «قابىل» شەخسلەرنى تاللاش ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقە ھەپتىلىكى 3-نويابىر ئاخىرلاشقان.
2015-11-05
ئىلھام توختى ئەپەندى 2-، 3-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ۋە ئەينى چاغدا جىددىيلەشكەن ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان.