ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-02-03
5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، كۈرەش ئىرادىسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنىڭ، ئەھمىيىتىنىڭ زور بولۇشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىللەردە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
2015-02-03
شاھىتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى شەخسىي كەچۈرمىشلىرى يوقىرى بېسىملىق سىياسەت كۈنلۈكى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.
2015-02-03
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ھەربىي-سىياسىي خادىملىرىنىڭ بىر قىسىمى كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە رەھبەرلىرىگە ئايلانغان ئىدى.
2015-02-03
28-يانۋار كۈنى چىرا ناھىيىسىنىڭ تاغلىق كەنتىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەگە چېتىشلىق پىدائىيلار تەرىپىدىن تاغ باغرىغا يوشۇرۇلغان 3 تاغار ھۇجۇم تەييارلىق ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
2015-02-03
1 - فېۋرال توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت يىغىنى ئېچىلدى. توكيودا ئېچىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى دائىمىي ھەيئەت يىغىنىغا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
2015-02-03
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولغان ئۇيغۇرلار «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى»، «يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش پائالىيىتى»، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا «لوڭقا تەقدىم قىلىش پائالىيىتى» ۋە «5- فېۋرال ۋەقەسى» نى ئەسلەش پائالىيىتى قاتارلىق مول-مەزمۇنلۇق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
2015-02-02
28-يانۋار كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيە بوستان يېزا تاغ كەنتىدە ئىككى ياردەمچى ساقچى ۋە بىر ئامانلىق مۇدىرىنى ئۆلتۈرگەن ئۈچ نەپەر ئۆسمۈر پىدائىيدىن بىرى مەتسېلىم مەتكېرىم.
2015-02-02
بىز ئالدى بىلەن خوتەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سۇ ئىشلار باشقۇرۇش پونكىتىدىكى بىر ئايال خادىمنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىدە پۇقرالار ئاساسەن قۇدۇق سۈيى ئىچىدۇ.
2015-02-02
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 29-يانۋار كۈنى يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ، سېتىش-سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2015-02-02
ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىرى خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى 30-يانۋار كۈنى توكيودىكى تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى.
2015-02-02
2-ئاينىڭ 1-كۈنى ميۇنخېندا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا پۈتۈنلەي ياشلار سايلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
2015-02-02
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا ھىندىستان دۆلەت رەئىسى مۇخېرجى ۋە باش مىنىستىرى مودى بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا يەنە، ھىندىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھەربىي پارات پائالىيىتىگە قاتناشتى.
2015-02-02
31-يانۋار كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي پائالىيەتچى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەرنىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى.