ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-02-25
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى قانداق شەرھىلەشتىكى سىياسىي قېلىپىنى بېكىتىپ بەرگەن.
2015-02-25
تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تور ئارقىلىق ۋىزا (E - Visa) ئېلىپ تۈركىيەگە كىرىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
2015-02-25
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۇنداقلا يەسلى مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانلىرى ھەققىدە توختالدى.
2015-02-25
ئىگىلىشىمىزچە، 24 - فېۋرال ئەتىگەندە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىچكىي كابىنېتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنتقا ۋە تۆۋەن پالاتاغا يازما دوكلات سۇنغان دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئەزاسى كازۇيۇكى خاماداغا جاۋاب تەرىقىسىدە تەييارلىغان يازما دوكلات قارارىنى ئېلان قىلغان.
2015-02-25
ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە ئۇيغۇر تىلىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.
2015-02-25
مەلۇمكى، 1999 - يىلنىڭ 17 - نويابىر كۈنى بىلىم، پەن ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى جاكارلىغان بولۇپ، 2000 - يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 21 - فېۋرالدا تىل بايرىمى داۋام قىلماقتا.
2015-02-24
17 - فېۋرال باي ياقائېرىق ۋەقەسىدە ساقچى باشلىقى قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى قورالنى ئېلىپ قاچقان ئەر - ئايال پىدائىيلاردىن ئابلىز ئابلا ۋە ئازادەم نۇر ۋەقەدىن ئۈچ كۈن كېيىن ئەسىرگە چۈشكەن؛ مەلۇم بولۇشىچە ئابلىز ئابلا ياقېرىق يېزىسىنىڭ ئاق گۈمبەز كەنتىدە، ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا ئايروپلانخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
2015-02-24
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» دا گاز چىقىپ كېتىپ، بىرقانچە ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان ئىدى.
2015-02-24
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياد ئەللەردىكى باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مىللى كىملىكنى ساقلاشتا ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، تۈرلۈك شەكىللەردە ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشماقتا.
2015-02-24
«رابىتۇل ئالەمىن ئىسلام»، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا، ئاۋستىرىيە، فىنلاندىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىيە چاقىرىلىۋاتقان «خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشماقتا.
2015-02-24
1999 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن ھەر يىلى 21 - فېۋرال كۈنىنى «ئانا تىلنى قوغداش كۈنى» تەرىقىسىدە خاتىرىلەش قارار قىلىنغان ئىدى.
2015-02-24
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنە بىر تالانتلىق شائىرىدىن جۇدا بولدى. 22 - فېۋرال كۈنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تاشتىقارا يېزىسىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شائىر، تەرجىمان، جۇرنالىست مالىك ئابۇبەكرى ئوغلى سادىروف بىلەن خوشلاشتى. خوشلىشىش مۇراسىمىدا مەرھۇمنىڭ قېرىندىشى، ئۇستاز تۇرسۇن سادىروف ئەدىبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە توختالغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، شائىرلار ئېلاخۇن ھوشۇروف، مەھەممەتجان جانباقىيېف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مالىك سادىروف ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىنى، مەرھۇمنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
2015-02-23
باي ياقائېرىقتا ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى، خىتاينىڭ ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك تورىدا، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە بىر تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
2015-02-23
ھىندونېزىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان تۈرك پاسپورتلۇق 4 نەپەر ئۇيغۇر ۋە ئۇلارنىڭ 3 نەپەر ھىندونېزىيەلىك يەرلىك ھەمراھى تېررورلۇق بىلەن سوتلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە ئاخباراتىغا خەۋەر بېرىپ، بۇ يەتتەيلەننىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-02-23
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 21-فېۋرال توكيودا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.